تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

شىنجاڭدا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى قاتارلىق ئىمتىھانلارنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ) شىنجاڭدا 4-ئايدا ئېلىنىدىغان مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش بويىچە «پېداگوگىكا»، «پىسخولوگىيە» دەرسى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى كېچىكتۈرۈلدى.

  2-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەسلىدە بېكىتىلگەن 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان مەملىكەتلىك ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى ۋە 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېكىتىش «پېداگوگىكا»، «پىسخولوگىيە» دەرسلىرى ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى كېچىكتۈرۈلدى، كونكرېت تىزىملىتىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (新疆招生网)، شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى تورى (新疆自考在线网)دا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشىنى ئەسكەرتتى.

  يەنە بىر خەۋەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى  ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ  مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەسلىدە بېكىتىلگەن 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى (NCRE) كېچىكتۈرۈلدى، ئىمتىھان ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.

  يېڭى ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بۇنىڭدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا داۋاملىق قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدىكەن. ئەگەر ئىمتىھانغا داۋاملىق قاتناشمىسا، تىزىملىتىش ھەققى تولۇق قايتۇرۇلىدىكەن. تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز مەملىكەتلىك كومپيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش تور بېكىتى ۋە شىنجاڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى تورىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلغايسىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى