تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىشى، رايون بويىچە تەدبىر قوللىنىشى، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىغا زىچ تايىنىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنى باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا بولغان تەسىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ۋاقتىدا تەدبىر تۈزدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئاكتىپ ھالدا ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ تەكشى، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاپ، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغدىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدىغان بىر يۈرۈش سىياسەت - تەدبىرلەر ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىدە مۇقىملىق ساقلاندى، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرىدىغان، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قەتئىي ئىرادە ۋە قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ مۇجەسسەملەندى.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ «قارا ئاق قۇ»نىڭ پەيدا بولۇشى، بىزنىڭ پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئېلىپ كەلدى. لېكىن يۇقۇمنىڭ زەربىسى پەقەت قىسقا مۇددەتلىك، باسقۇچ خاراكتېرلىك بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىلى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىگە ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ساغلام، مۇقىم بولۇشتەك ئاساسىي تەرىپى ئۆزگەرمەيدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرى شارائىتى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇزاققىچە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ئومۇمىي ۋەزىيەت ئۆزگەرمەيدۇ. دۆلىتىمىز چوڭ دۆلەت، چىدامچانلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى زور، بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ كەتمەي، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلەتسەكلا، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار، ھەم كۆزىمىز يېتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەڭ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئالدى بىلەن قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى بالدۇر قولغا كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش» تەلىپى بويىچە، ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشىنى ساقلاپ، باسقۇچلۇق، قاراتمىلىق بولغان باج كېمەيتىش - ھەق تۆۋەنلىتىش تەدبىرىنى چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىنى يېنىكلىتىپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە بەكرەك ئۇچرىغان رايون، ساھە ۋە كارخانىلارغا قارىتىلغان پەرقلەندۈرۈپ ئېتىبار بېرىش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى ئېھتىياجنى تۇراقلاشتۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەردە بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش، ئىستېمالنى كېڭەيتىشنىڭ يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. بىز تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ھەقىقىي تۈردە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتساق، ئىنچىكە تۇتساق، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتساقلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

جۇڭگو ھامان يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ، بۇ ئېنىقكى مۇقەررەرلىك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز چوقۇم يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، شۇ ئاساستا داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، داۋاملىق ئۆزىمىز بېكىتكەن ئۇلۇغۋار نىشانغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلىيەلەيمىز!

(2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى