تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ مۇنداق بىلدۈردى −

جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، زور سىناق ئالدىدا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىسىنى تىرىشىپ ئورۇندايمىز.

ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىش جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى، ئىرادىسىنى چىڭىتىش

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم، زورلۇقى، بۇرچنىڭ شەرەپلىكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرۇپ، بۇ مەيدان چوڭ ئۇرۇشتا جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ باش يېتەكچىسى ئىلھام ئەخەت. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئارال يېزىسى، يېڭىئاۋات يېزىسىدىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئون خىزمەت ئەترىتى يېزا - كەنتلەردىكى چوڭ كانايلار، ئائىلە زىيارىتى قىلىش ھەم تېلېفونلىشىش، ئۈندىدار ئۇچۇرى ئەۋەتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىگە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۇچۇرلىرى ۋە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا ئاز چىقىش، قولنى يۇيۇپ تۇرۇش، پات - پات ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ماسكا تاقاش، ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش بىلەن بىللە، ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش ئۆتكىلىنى مۇستەھكەملىدى. بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە، پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

«ئائىلىلەرگە كىرىپ قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئۆيمۇئۆي كىرىپ زىيارەت قىلىش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەش دورا سۇيۇقلۇقى چېچىش، ئاھالىلەرگە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش... يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش قاتتىق تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق.» تېكەس ناھىيەسى خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسى ئالغا يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن شىنچوۋ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە داشۆسىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرى تۆۋەنكى ئېرىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىرىنچى ۋاقىتتا يۇقۇمغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى، 1 - شۇجى لى جۈننىڭ يېتەكچىلىكىدە، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى يۇقۇمدىن ساقلىنىش پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، بىرىنچى سەپتە ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلدى. «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت دەرىجىلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، كېسەلنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى لى جۈن.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇش

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەڭ كۈچەيدىغان ھالقىلىق باسقۇچقا كەلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشتۇرماي ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

توردا چىلان دەرىخىنى چاتاش، چارۋا باقمىچىلىقى، پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش، قىسقا سىن فىلىمى ئىشلەپ ئۈندىدار توپىغا يوللاش... ھازىر چاقىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مەدەت بەردى. چاقىلىق ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شى گوخەي مۇنداق دېدى: «بىز بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، بىر قولدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز».

ئالتاي ۋىلايىتىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق 593 خىزمەت ئەترىتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 3048 ئەزاسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، دېھقان - چارۋىچىلارنى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ قارا تۆڭگە بازىرى قىزىلقۇدۇق كەنتى كۆكتوقاي ناھىيەسى ئاھالىلىرىنىڭ «كۆك - تاق» كەنتى، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، كۆكتوقاي ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىنىڭ قىزىلقۇدۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كەنتنىڭ كۆكتات مايسىسى يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا تولۇق قاتناشتى. «قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ چىڭ ساقلاش <كۈچلۈك يادرولۇق تەدبىرى>نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم <مۇداپىئە تورى>نى زىچ توقۇش بىلەن بىللە، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇشىغا ياردەم بەردى، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان يىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كۆكتوقاي ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش پونكىتىنىڭ تېخنىك خادىمىنى باشلاپ ئۆيمۇئۆي كىرىپ مايسا يېتىشتۈرۈش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى شېڭ تىڭتىڭ.

دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش

بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم قەتئىي تۈردە «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز، ھەم ھازىرقى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىل چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىپ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.» مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى بەيياڭخې يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە بەيياڭخې يېزىسى تۆل ئېلىش، پەرۋىش قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارىتا، يېزا - كەنتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك ئورۇن ھەر كۈنى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ باقمىچىلىق رايونىنى قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىشى، كېسەلگە گىرىپتار بولغان چارۋىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشى ھەم ۋاقتىدا داۋالىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، يەنە ئاممىغا دېزىنفېكسىيەلەش ئەسۋابلىرى ۋە ئىلمىي بېقىش تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي، بىخەتەر باقمىچىلىق قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، يەم - خەشەك تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ھەرقايسى يېزىلار مەخسۇس چارۋىچىلىق كاپالىتى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 300 توننىدىن ئارتۇق يەم - خەشەكنى ماسلاشتۇرۇپ يۆتكەپ، قىسمەن چارۋىچىلارنىڭ يەم - خەشەك كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، چارۋىچىلارنى ھەر تەرەپلىمە ئىشلەپچىقىرىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، ئاقيار بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن چاڭمەن مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئالدىدا، پۈتۈن بازار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نۇقتىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەشەببۇسكار ھالدا كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىپ، 750 خىزمەت ئورنىنى ئالاقىلىشىپ ماسلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، يۈەن لېي، جاڭ جىلى، گې يوۋجۈن، جاڭ تىڭ، لى ياڭ، جەزىرە نېسىپبېك، دۇ جيەنخۇي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ۋېي جىيۈەن، جاڭ چى، سۈن خەينا، شۈ پەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى