تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە بەش ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي 11گە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەنە بەش ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ئۇلارنىڭ ئىچىدە: ئۈرۈمچى شەھىرىدە بىر كىشى، 33 ياشلىق ئەر ئاغرىق بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا كەلگەن دوستى بىلەن ئۇچراشقان، 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى گېلى قۇرۇش، يېنىك يۆتىلىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا ئايرىپ داۋالانغان، 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئۈچ كىشى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى 49 ياشلىق ئەر ئاغرىق، بۇ ئىككى ئاغرىق 1 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە ئوخشاشلا ۋۇخەندىن شىنجاڭغا كەلگەن دوستى بىلەن ئۇچراشقان، ئۇلاردا قىزىش، يۆتىلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەچكە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ۋە 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىلى ئوبلاستىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن ھەم ئايرىم - ئايرىم 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ۋە 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. ئۈچىنچىسى، 43 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، گۇمانىي كېسەللىك مىسالى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بار بولۇپ، قىزىش، يۆتىلىش، باش ئاغرىش قاتارلىق بىئاراملىق ئالامەتلىرى كۆرۈلگەچكە، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىلى ئوبلاستىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ ئايرىپ داۋالانغان، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرىدە بىر كىشى، 24 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايى ۋۇخەن، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى شىنجاڭغا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى بىڭتۇەن 8 - شى شىخەنزە شەھىرىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

يۇقىرىقى ئاغرىقلار دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئارقىلىق، ھازىر، يۇقىرىقى ئاغرىقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللىشىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشتە مەنپىي چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يىراقتىن بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى، قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشى ۋە باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق 5 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنى ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىسالى جەمئىي 11گە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى