تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى:

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ۋېي يۈكۇن) مۇخبىرنىڭ 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەننىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت نۆلدىن باشلاپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئاخىرلاشقىچە، مەملىكەت بويىچە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدىكەن. كونكرېت ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى، ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنى باشقۇرۇش نىزامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، قانۇن بويىچە تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغان بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول(ھەق ئېلىنىدىغان كۆۋرۈك ۋە تونېللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)لار؛ ھەقنى كەچۈرۈم قىلىش ئوبيېكتى قانۇن بويىچە يول يۈرۈش ھەققى ئېلىنىدىغان تاشيوللاردىكى بارلىق ئاپتوموبىللار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تورلاشقان ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىللار چىقىش ئېغىزىدىكى ھەق ئېلىش يولىدىن ئايرىلغان ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدىكەن، ئېچىۋېتىلگەن ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ۋە ھەق ئېلىنىدىغان ئادەتتىكى تاشيولدا ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىش پونكىتىنىڭ ھەق ئېلىش يولىدىن ئۆتكەن ۋاقىت ئۆلچەم قىلىنىدىكەن.

قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا ئاپتوموبىل يۈرۈش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ كونكرېت خىزمىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇنى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىرتۇتاش تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە لايىھە تۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى