تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 12- قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 12 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور ۋەزىپىسى. ھەم مەۋقەنى ھازىرغا قويۇپ، ئىلمىي، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، تېخىمۇ مۇھىمى يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئاشكارىلانغان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، يوچۇقلارنى ئېتىش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، چىڭ تۇرۇشقا تېگىشلىكلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورنىتىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئورنىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق زور سىناق. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىپ ۋە كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزم جەھەتتە ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى ئالاقىدار قانۇن - نىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل باھالاش كېرەك. خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىنى دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، دۆلەتنىڭ بىيولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇنىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت بىيولوگىيە بىخەتەرلىكى قانۇن - نىزام سىستېمىسى، تۈزۈم كاپالىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان سەھىيە ۋە ساغلاملىق خىزمىتى فاڭجېنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىم تەييار تۇرۇشتا، بوشاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىنى ئالدىغا سۈرۈپ، كىچىك كېسەلنىڭ چوڭ يۇقۇم پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، داۋالاش، سەھىيە بايلىقى سېلىنما قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا، مەھەللە قاتارلىق ئاساسىي قاتلامنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى مۇداپىئە لىنىيەسىنى زىچلاشتۇرۇش، پۇختىلاش كېرەك. ئاممىۋى سەھىيە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كەسىپكارلارنى يېتىشتۈرۈش، ئىجازەت بېرىش، ئىشلىتىش، تەمىنات كاپالىتى، تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش، دەرىجىگە ئايرىپ دىياگنوز قويۇش - داۋالاش قاتارلىق تۈزۈم قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ماسلىشىشى، يوچۇقسىز جىپسىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاممىۋى سەھىيە ئېغىر، زور خەۋپ - خەتىرىنى تەھلىل قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش، باھالاش، تەدبىر بەلگىلەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر، زور يۇقۇمغا قارىتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەركەزلىك، بىرتۇتاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك، قوماندانلىق سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، بۇيرۇق ئېنىق بولۇش، سىستېما تەرتىپلىك بولۇش، بۆلەك راۋان بولۇش، ئىجرا كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى مەسىلىلەرنى دەل جايىدا ھەل قىلىش كېرەك. ئىلمىي تەتقىق قىلىش، كېسەلنى كونترول قىلىش، كىلىنىكىلىق داۋالاشنى ئۈنۈملۈك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، تۈزۈملەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، تاسادىپىي يۈزبەرگەن ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى باشقۇرۇش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تىنچ مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئېغىر، زور يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىگە، قاتلامغا، تارماققا ئايرىلغان يۇقۇملۇق كېسەل قاتارلىق ئېغىر، زور يۇقۇم ئەھۋالى بويىچە قۇتقۇزۇش - داۋالاش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرىنچى سەپتىكىلەرنىڭ كىلىنىكىلىق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك. چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلارنى قوللىنىشقا ئىلھام بېرىپ، يۇقۇمنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، تەھلىل قىلىش، ۋىرۇس مەنبەسىنى ئىزدەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش، بايلىقلارنى تەڭشەپ تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تىرەكلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېغىر، زور كېسەللىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاسادىپىي يۈزبەرگەن يۇقۇم قاتارلىق جىددىي ئەھۋاللاردا، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاۋۋال قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ھەقنى كېيىن ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەم داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقا جايدا دەرھال راسچوت قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە كىشىلەر توپى، ئالاھىدە بېكىتىلگەن كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ داۋالىنىش، دورا خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى چىقىم قىلىش مۇندەرىجىسى، چىقىم قىلىش سومما چېكى، دورا ئىشلىتىش مىقدارى قاتارلىق چەكلەش خاراكتېرىدىكى ماددىلارنى قاراتمىلىق ھالدا بىكار قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش، داۋالىنىش غەم - ئەندىشىسىنى يېنىكلىتىش كېرەك. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ۋە ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمەت مەبلىغىنى ئىشلىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتىلغان چىقىم قىلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى بىلەن داۋالاش مۇلازىمىتىنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى دۆلەتنىڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، مەركەزلىك باشقۇرۇش، بىرتۇتاش تەڭشەپ يۆتكەش، ئادەتتىكى ۋاقىتتا مۇلازىمەت قىلىش، ئاپەت بولغان ۋاقىتتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، سېتىۋېلىش بىلەن زاپاس ساقلاشنى بىرلەشتۈرۈش، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپى بويىچە تېزدىن مۇناسىۋەتلىك خىزمەت مېخانىزمى ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا كېرەكلىك مۇھىم ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كاپالىتى ۋە رايون ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە يۆتكەپ چىققىلى بولۇش، ئىشلەتكىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. قىسقا مەزگىلدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان ماددىي ئەشيا تەمىناتى كەمچىل بولۇشقا قارىتا، مەركەزلىك ئىشلەپچىقىرىشقا تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خام ماتېرىيال بىلەن بىرتۇتاش تەمىنلەشكە تەشكىللەش، نۇقتا بەلگىلەپ ئىشلەپچىقىرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، سۈپەت ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيا كاپالىتىنىڭ تەرتىپلىك، كۈچلۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلەت زاپاس ساقلاش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، زاپاس ساقلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ تۈرى، كۆلىمى، قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي تەڭشەپ، زاپاس ساقلاشنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ بىرلىككە كەلگەن جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىش - تەمىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىغا قارىتا مەركەزلىك باشقۇرۇش، بىرتۇتاش تەڭشەپ يۆتكەش، بىرتۇتاش تەقسىملەش - يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تەمىنلەش كاپالەت تورىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2019 - يىللىق خىزمەت خۇلاسە دوكلاتى»، «مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2020 - يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىلىرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا «يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»، «كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش ئىسلاھاتى لايىھەسى»، «پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ۋەزىپە دائىرىسىدە پەن - تېخنىكا نەتىجىسى ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»، «كەسپىي ئورۇنلار ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»، «دۆلەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكرى»، «ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكرى»، «مۇلازىمەت كەسپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، سىستېمىلىق توپلاش، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش تەلىپى بويىچە، ئىچكىرىلەپ ئالغا سىلجىتىپ، دەل جايىدا يولغا قويۇش، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەرلىك كۈچ سەرپ قىلىش، ئاچقۇچلۇق، ئۇللۇق، مۇھىم، زور ئىسلاھاتلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئادىل، بىرلىككە كەلگەن بولۇش، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزىلار بىرتۇتاش غەملەيدىغان، ھوقۇق - مەسئۇلىيەت ئېنىق، كاپالەت مۇۋاپىق، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە مۈلۈك ھوقۇقى ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەن تەتقىقات خادىملىرىغا ۋەزىپە دائىرىسىدىكى پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىپ، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەشغۇلات تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھوقۇق بېرىش شەكلى، نەتىجىنى باھالاش، پايدىنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. نۇقتىدا سىناق قىلىپ ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشى ۋە فۇنكسىيە تەقسىماتىنى ئىسلاھ قىلىپ، مەمۇرىي، كەسپىي ھوقۇق دائىرىسى تىزىملىكى، ئاپپارات ئىشتاتى فۇنكسىيە بەلگىلىمىسى، نىزامنامە باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى يولغا قويۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. جۇڭگوچە يېڭى تىپتىكى ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە قويۇپ چىقارغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سۈپەتنى تەكىتلەپ، مۇلازىمەت قىلىش، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۇل ئەسلىھەلەر ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئەلالاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇپ يۇغۇرۇشنى يۆنىلىش قىلىپ، ساقلانما مىقدار بىلەن ئېشىش مىقدارىنى، ئەنئەنىۋى ئۇل ئەسلىھەلەر بىلەن يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈجۈپىلىك - يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەرزان - قولاي، ئەقلىي ئىقتىدارلىق - يېشىل، بىخەتەر - ئىشەنچلىك زامانىۋى ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىجازەت چەكلىمىسىنى تۈرگە ئايرىپ قويۇۋېتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەمىنلەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 2019 - يىلى چىگىش، مۇرەككەپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، تومۇرنى توغرا تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، نىشانلىق ئوق ئېتىپ، مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويغان ئاساستا، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى پىلانلاپ، داۋاملىق تۈردە مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردا مۇھىم، زور ئىسلاھات لايىھەلىرىنى تۈزۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تاماملاپ، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يەرلىكنىڭ ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇشى ھەم ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ كېڭەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات تەشۋىقاتى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم قەدەم تاشلىدى.

2020 - يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۈركۈم مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرىنى داۋاملىق تۈزۈپ چىقىش كېرەك. نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق توپلىشىشى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، قاراتمىلىق، مەشغۇلاتچان، ئەمەلىي ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مەسىلىنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بولۇش، ئاددىي، قولايلىق بولۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. نەتىجە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى مۇھىم نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى چىڭ كۆزلەپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى باھالاش - تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى يېڭىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشنى ساھەمۇساھە چىڭ كۆزىتىش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.