تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئاچقۇچلۇق مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى 1 - دەرىجىلىك مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قوش غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىش، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش كېرەك. بىر تەرەپتىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پۈتۈن كۈچ بىلەن جاسارەتلىك جەڭ قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن جاسارەتلىك جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەتلىك جەڭ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرۈش كېرەك؛ بىر تەرەپتىن، يۇقۇمنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك، ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتىكى ئاساسىي يۈزلىنىشنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرۈش كېرەك. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قوش غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ھالقىنى ياخشى تۇتۇپ، مەھەللە ۋە يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك تولۇق تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا قايتقان خادىملارنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك؛ ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قوش غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك. مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، رايون بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، خادىملارنىڭ ئىش ئورنىغا قايتىشىنى تەرتىپلىك تەشكىللەپ، مۇھىم، زور تۈرلەردە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بالدۇر ئىش باشلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەخسۇس تۈر بويىچە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ پۇقراۋى كارخانىلار، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى يەڭگىللىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: قوش غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىقتىدار، سەۋىيەنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەيدەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەتنى چىڭىتىپ، ئىرادىنى تاۋلاپ، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، ۋاڭ جۈنجېڭ، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.