تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

25 مىڭ 633 !

    2-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى خۇبېي ۋۇخەندە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خۇبېيدا تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش-داۋالاش خىزمىتىنى تونۇشتۇردى.

دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خېشېڭ

   دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خېشېڭنىڭ ئېلان قىلىش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇشىچە، 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 24كىچە، ھەرقايسى جايلار جەمئىي 217 داۋالاش ئەترىتى، 25 مىڭ 633 نەپەر داۋالاش ئەترىتى ئەزاسى ئەۋەتكەن بولۇپ، ئارمىيە ئەۋەتكەن داۋالاش ئەترىتى ۋە ئەترەت ئەزالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ھەرىكەتچان P3 تەجرىبىخانىسىدىن ئۈچى يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ۋۇخەن شەھىرىدە 181 داۋالاش ئەترىتى، 20 مىڭ 374 نەپەر داۋالاش ئەترىتى ئەزاسى، باشقا شەھەرلەردە 36 داۋالاش ئەترىتى، 5259 نەپەر داۋالاش ئەترىتى ئەزاسى بار ئىكەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى 2008-يىلى ۋېنچۇەندىكى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەشتىكى داۋالاش-قۇتقۇزۇشقا يۆتكەش كۆلىمى ۋە سۈرئىتىدىن زور دەرىجىدە ئاشقان.

   ۋاڭ خېشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە توققۇز چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى ئېچىۋېتىلدى، 6960تىن ئارتۇق كارىۋات بار، دوختۇرخانىدىكى ئاغرىقلار 5606گە يەتتى. كېيىنكى قەدەمدە ئېھتىياجغا ئاساسەن، بىز دوختۇرخانىدىكى بىر قىسىم كېسەلخانىلارنى داۋاملىق بوشىتىپ، بىر قىسىم مەيدان-سارايلارنى ئىشىلىتىپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا ۋە چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسىغا ئۆزگەرتىپ، تەكشۈرۈپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ۋە گۇمانىي ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا ئېرىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز، قوبۇل قىلىپ داۋالانمىغان بارلىق ئاغرىقلارنىڭ سانىنى نۆللەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى