تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئىككىسى كۆپەيتىلدى

  كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ تېخنىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە ئىشچىلارنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلماقتا.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ساۋ لىجوۋ، خەي جۈن فوتوسى ۋە خەۋىرى) 2- ئاينىڭ 14- كۈنى، شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىككىنچى تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى كورلا ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى. كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1000 يۈرۈشكە يېتىدىغان بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تېببىي خادىملارنى مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 10- كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونىمىز پەقەت ئۈچ كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپلا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سانائەت باغچە رايونىدا بىر تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى قۇرغان.  ئاپتونوم رايونلۇق دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1000 يۈرۈشكە يېتىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى شىنجاڭ جىخۇا 7555 كەسپىي كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرۇشىنى تەستىقلىغان بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى شىنجاڭ تېفېڭ دورىگەرلىكى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ 300 مىڭ دەرىجىلىك پاكىزلاش سېخىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن.

  2- ئاينىڭ 12- كۈنى، كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سالغان تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باشلاندى. بۇ شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئىككىنچى لىنىيە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن تۇنجى تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى مىكروبسىز سېخ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت 1000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق پاكىز سېخنى ماسلاشتۇرۇپ تەمىنلىدى ھەمدە سېخنى تەڭشەش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملىدى.

    «بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر قېتىملىق تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلىنىمىز، 100دىن ئارتۇق ئىشچى نۆۋەت ئالمىشىپ مەشغۇلات قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى 24 سائەت ئايلاندۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.» دېدى كورلا بىڭجۈەن كىيىم تىكىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياڭخۇڭ. سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچى ئارقىلىق، 2- ئاينىڭ 14- كۈنى بۇ تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1000 يۈرۈشكە يەتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى