تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جېجياڭ نىڭبو: كادىرلار بىلەن پىدائىيلار بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، بېيلۇن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى (ئوڭدا)  شىنچى كوچىسى مۇدەن مەھەللىسى 1-ئولتۇراق رايونى ئالدىدا كىرىپ -چىققان خادىملارنىڭ ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ  بېسىمىنى يېنىكلەتتى.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى بېيلۇن رايونى پۈتۈن رايوندىكى ئورگان كادىرلىرىنى بىرىنچى سەپتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەمدە پىدائىيلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە تەرتىپلىك قاتنىشىشقا، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە چاقىرىق قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زۇڭجى فوتوسى

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، پىدائىي جاڭ فاڭفاڭ (سولدىن 3-كىشى) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا شوپۇرنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىمەكتە.

    ئىگىلىنىشىچە، بېيلۇن رايونى 5000دىن ئارتۇق پىدائىينى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش، كۆچمە خادىملارنى تەكشۈرۈش، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېكسپورتنى نازارەت قىلىپ كۆزىتىش، مەھەللە (كەنت)لەرنىڭ كىرىش ئېغىزىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى خىزمەت ئورۇنلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچىلىرىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلەتكەن.

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر پىدائىينىڭ كۆز ئەينىكىنىڭ ئىچىنى تۇمان قاپلاپ كەتتى.

2-ئاينىڭ 13-كۈنى، پىدائىي ۋاڭ خۇافېڭ شىنچى كوچىسى مۇدەن مەھەللىسىدىكى ئۆيىدە ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈن يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بەرمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى