تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئارمىيەدىن 2600 تېببىي خادىم ۋۇخەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە كۆپەيتىپ ئەۋەتىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن

ئارمىيەدىن 2600 تېببىي خادىم ۋۇخەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە كۆپەيتىپ ئەۋەتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (جۇ خۇڭلياڭ، جۇۋ نا) مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەستىقى بىلەن، ئارمىيەدىن 2600 تېببىي خادىم ۋۇخەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە كۆپەيتىپ ئەۋەتىلدى، ئۇلار ۋۇخەن خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ يۈرۈشۈش ئەندىزىسىنى ئۈلگە قىلىپ، ۋۇخەن شەھىرىدىكى تەيكاڭ تۇڭجى دوختۇرخانىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ گۇاڭگۇ دوختۇرخانا رايونىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ۋۇخەن شەھىرىدىكى تەيكاڭ تۇڭجى دوختۇرخانىسى 860 كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىشنى، خۇبېي ئۆلكىلىك ئانا - بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ گۇاڭگۇ دوختۇرخانا رايونى 700 كېسەل كارىۋىتى تەسىس قىلىشنى پىلانلىغان. ئىككى دوختۇرخانا بىردەك كىلىنىكىلىق كېسەل رايونى ئېچىپ، يۇقۇملىنىشنى تىزگىنلەش، تەكشۈرۈش، ئالاھىدە دىياگنوز قويۇش، رادىيوئاكتىپ نۇر ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش، دورا - داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، دېزىنفېكسىيەلەش - تەمىنلەش، ئۇچۇر، تېببىي قۇرۇلۇش قاتارلىق قوشۇمچە بۆلۈملەرنى تەسىس قىلغانىدى.

بۇ قېتىم ئاجرىتىپ تەشكىللەنگەن داۋالاش كۈچلىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى، ئىستراتېگىيەلىك ياردەمچى قىسىم، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى كۆپلىگەن داۋالاش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن. دوختۇرخانىنىڭ سىغىمى ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە ئاساسەن، ئارمىيەنىڭ تېببىي خادىملىرى تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ كېلىپ ياردەم بېرىدۇ، تۇنجى تۈركۈمدىكى كۈچلەردىن 1400 خادىم 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ۋۇخەنگە يېتىپ كەلدى ھەمدە دەرھال ئالاقىدار تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلىدى.

ھازىرغىچە، ئارمىيەدىن جەمئىي ئۈچ تۈركۈم قېتىمدا 4000دىن ئارتۇق تېببىي خادىم ۋۇخەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى