تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن تېلېفونلاشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچتە تەكلىپ بويىچە مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن تېلېفونلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: زۇڭلى ئەپەندى، سىز جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى، جۇڭگو خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا جاسارەت بىلەن تاقابىل تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ئاچقۇچلۇق پەيتتە، زۇڭلى ئەپەندى مەن بىلەن تېلېفونلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مالايسىيا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپكە بولغان دوستلۇق رىشتى ۋە مەدىتىنى نامايان قىلدىڭىز. يۇقۇمنىڭ جۇڭگو - مالايسىيا ئارىسىدىكى كىشىلەرنىڭ نورمال بېرىش - كېلىش قىلىشىغا ۋاقىتلىق تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، لېكىن بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى تەۋرىتەلمەيدۇ. جۇڭگو - مالايسىيا ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمنىڭ خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى، بولۇپمۇ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىسى يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى توپلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ قاتتىق، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل بولغان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پائال نەتىجە - ئۈنۈمگە ئېرىشتى، كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىدى، داۋالاش ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز بۆسۈش بولۇپ، داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتى سىجىل ئۆرلىدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جوڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تىرىشىپ بۇ يىللىق تەرەققىيات نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، داۋاملىق يىراق كەلگۈسى نىشانىمىزغا قاراپ قەتئىي ئىلگىرىلەيمىز.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ يۇقۇمغا قارىتا كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز دۆلىتىدىكى خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. بىز داۋاملىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بويىچە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن ئورتاق غەلىبە قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگوغا بەرگەن قىممەتلىك چۈشىنىشى ۋە مەدىتىنى، بولۇپمۇ مالايسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دوستانە دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتتىن تارتىپ ئەل ئارىسىغىچە پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، جۇڭگوغا قىيىنچىلىقتا قالغاندا ياردەم قولىنى سۇنغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. بۇ، بىر رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمدەمدە بولغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. بىز داۋاملىق ئوچۇق - ئاشكارا بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن مالايسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدايمىز. بىز يەنە داۋاملىق ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرىغا مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش، مالايسىيا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق خادىملىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالىمىز.

ماخاتىر مالايسىيا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ماخاتىر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە ئېرىشكەن پائال ئىلگىرىلەشلىرىنى ئالقىشلايدۇ، بۇنى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ ئاممىۋى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىسى دەپ قارايدۇ. جۇڭگونىڭ سەمىمىي دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مالايسىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنى بىر تۈركۈم داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى ھەم جۇڭگو تەرەپكە داۋاملىق ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. مالايسىيا تەرەپ ئىشىنىدۇكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقى، رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى چوقۇم نورمال ھالەتكە قايتالايدۇ. مالايسىيا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مالايسىيانىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.