تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشتىكى چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى كۆپ قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلدى، كۆپ قېتىم مۇھىم سۆز قىلدى، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، بۇ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئىشەنچىمىز، ئىرادىمىزنى چىڭىتتى، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ئۇرغۇتتى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

بىرىنچىدىن، جەزمەن غەلىبە قىلىشتىكى ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىش كېرەك. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، نۆۋەتتە يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئىجابىي ئۆزگىرىش كۆرۈلۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، رايونغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ مەھەللە، يېزىلارنىڭ دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنىڭ تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى كۈچلۈك مۇداپىئە سېپى رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا قايتقان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قاتناش قوراللىرى، مەيدان - بېكەتلىرىنى دېزىنفېكسىيەلەش، ھاۋا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى ۋە تېخنىكا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى خۇلاسىلەپ، كېڭەيتىپ، ئاغرىقلارنىڭ ساقىيىش نىسبىتىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ماددىي ئەشيا تەمىناتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ سەپلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك؛ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، كاپالەتلەندۈرۈش، تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، «ئاشلىق»«كۆك - تاق» مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توشۇش «يېشىل يول»ى ئېچىپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا، باھانىڭ مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ كۆمۈر، توك، ماي، گازنى تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىنى ساقلاش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۆلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، يۇقۇم تەسىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، چوڭ ۋەزىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا مۇقىملىقنى قوغداشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئىقتىدار، سەۋىيەنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى تىزگىنلەش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، چوڭ جەڭدە ئەسلىي مەقسەت بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقتا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.