تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يەنە ئۈچ نەپەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار جەمئىي ئالتىگە يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا يەنە ئۈچ نەپەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئۈچ نەپەر ئاغرىقنىڭ بىرى، غۇلجا شەھىرىدىكى 21 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك مىسالى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بار، يۆتىلىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەچكە، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، شۇ كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. بىرى، ئاقسۇ شەھىرىدىكى 51 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەن، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. بىرى بىڭتۇەن 7 - شىسىدىكى 42 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، دائىم تۇرۇشلۇق جايى ۋۇخەن، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا تۇغقان يوقلاشقا كەلگەن، 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى قىزىش، قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، بىڭتۇەن 7 - شىسىدىكى بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان.

ئاپتونوم رايونلۇق قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ۋە نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ داۋالىشى ئارقىلىق، ھازىر، يۇقىرىقى ئاغرىقلارنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورماللىشىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي چىقىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يىراق مۇساپىلىك بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇش سۇپىسى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ بىرلىشىپ دىياگنوز قويۇشى، باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق 5 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ (بىڭتۇەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا جەمئىي ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان كېسەللىك مىسالى ئالتىگە يەتكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى