تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئىللىق مېھىر-مۇھەببەت! قەشقەر يىكاڭيۈەن سودا چەكلىك شىركىتى ئىئانە قىلغىلى كەلدى!

  2-ئاينىڭ 3-كۈنى، قەشقەر يىكاڭيۈەن سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ سەيشيا 75 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى كالا سۈتى، ئىچىملىك قاتارلىق ھال سوراش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ كوناشەھەر ناھىيەلىك شۆبە دوختۇرخانىسى، قىسمەن نۇقتىلىق داۋالاش دوختۇرخانىلىرى، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەلىرى ۋە قەشقەر ۋوگزالى قاتارلىق جايلاردىكى خىزمەتچىلەر ۋە داۋالاش خادىملىرىدىن، شۇنداقلا ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، ساقچىخانىلاردىكى خەلق ساقچىلىرىدىن ھال سورىدى.

  قەشقەر يىكاڭيۈەن سودا چەكلىك شىركىتى ئىلى ساپ سۈتى ۋە كۈندىلىك تۈرلۈك ماللار تىجارىتى بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ۋاڭ سەيشيا مۇنداق دېدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كەڭ تېببىي خادىملار، جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرى ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كۆرسەتكەن مەردانىلىكى، جاسارىتى ۋە ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ئالىيجاناپ روھى ھۆرمىتىمىزگە سازاۋەر بولدى.

  «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە 24 سائەت كۈرەش قىلىۋاتقان ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر، ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەرگە ئازراق ئوزۇقلۇق ۋە ئېنېرگىيە تولۇقلاپ، بىر كىشىلىك كۆڭلىمىزنى يەتكۈزۈپ، قەشقەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىمىزنى قوشالىساق، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز ۋە شەرەپ ھېس قىلىمىز» دېدى ۋاڭ سەيشيا.

  (جۇڭگو قەشقەر تورى مۇخبىرى خو رەن، چېن جاۋلىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى