تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ رېتسىپ بويىچە دورا ئىشلىتىش مىقدارى «يۇقۇم»غا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە ئۈچ ئايلىققا ئۇزارتىلىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما بېي): سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارنىڭ رېتسىپلىق دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۇزارتىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىنى ئۇزارتىپ بېجىرىش، باشقا جايدا ئاتچوت قىلدۇرۇشنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىش ... يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى داۋالاش كاپالىتى بېجىرىش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كىشىلەر توپلاشقان سورۇنلاردا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىپ، توردا كەسىپ بېجىرىشكە دائىر بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويدى.

  مۇخبىرنىڭ 2- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىغا قارىتا، كۆرۈنۈپ داۋالانغان دوختۇرخانا دوختۇرلىرىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، رېتسىپ بويىچە دورا ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۈچ ئايلىققا ئۇزارتىشنى قوللاپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئاغرىقلارنىڭ ئۇزاق مۇددەت دورا ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى ھەر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ رېتسىپىنى ئېلىپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللەرگە بەلگىلەنگەن پارچە سېتىش دورىخانىلىرىدىن سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل دورىلىرىنى سېتىۋالسا بولىدۇ. بۇ توققۇز دۆلەت دورا پاي كونتروللۇقىدىكى شىنتې دورا دۇكىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا جەنۇبىي ئازادلىق يولى، غالىبىيەت يولى، بەخت يولى، بېيجىڭ جەنۇبىي يولى، لىيۈشەن جەنۇبىي يولى، سۇجوۋ شەرقىي كوچىسى، ئەنجۈ شىمالىي يولى، نەنخۇ شەرقىي يولى شىمالىي 2- كوچىسى، مىچۈەن ـ دۇڭسەن رايونى گۇمۇدى غەربىي يولىغا جايلاشقان. رايون تارقىلىشى بىردەك 3- دەرىجىلىك بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا يېقىن بولۇپ، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئاغرىقلىرىنىڭ رېتسىپ يازدۇرۇپ دورا ئېلىشىغا قولايلىق.

  بۇنىڭدىن باشقا، 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، قىسمەن داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كەسپىنى بېجىرىش ۋاقتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۇزارتىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2020-يىللىق شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ھەققىنى مەركەزلىك يىغىشىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى 2020-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھەق تاپشۇرغانلارنىڭ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كۈتۈش مەزگىلى تەسىس قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2019-يىللىق داۋالىنىش خىراجىتى مۇلازىمەت كۆزنىكىنىڭ ئاتچوت قىلىش ۋاقىت چېكى ئۇزارتىلغان بولۇپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن ئاتچوت قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

  باشقا جايدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ئاغرىقلارغا قارىتا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى نەق پۇل بىلەن ئاتچوت قىلىش كەسپىنى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىش ئاساسىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇش، كىرگۈزۈشى پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىش مۇلازىمەت دائىرىسىدە بولىدۇ، باشقا جايدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش، داۋاملاشتۇرۇشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئورۇنلىرىغا پوچتىدىن ئەۋەتسە، ۋاقتىدا بېجىرىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى يەنە ئېغىر كېسەل، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەل ئىلتىماسى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىقلارغا «يېشىل يول» ئېچىپ، ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش، ئالاھىدە كەسىپلەرنى ئالدىن بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار «شىنجاڭ داۋالاش كاپالىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش APP»سىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق، توردا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرسە بولىدۇ. «شىنجاڭ داۋالاش كاپالىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش APP»سى شەخسلەرنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئۇچۇرى، ھېسابات كىرىم - چىقىمى، باشقا جايدا داۋالىنىش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى، كارتا بېجىرىش سۈرئىتىنى تەكشۈرۈش، كارتا بېجىرىش تور نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈش، سوزۇلما كېسەل ئاپپاراتلىرىنى تەكشۈرۈش، ئىش بېجىرىش تەرتىپى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇرىنى ئىگىلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

  ئەگەر يان تېلېفوندا APP ئارقىلىق توردا باشقا جايدا داۋالىنىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش، بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى بېجىرگىلى بولمىسا، تېلېفون ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ بېجىرىشكە بولىدۇ. ئەگەر كەسىپنى «كۆرۈشمەسلىك» ئۇسۇلى ئارقىلىق بېجىرگىلى بولمىسا، تېلېفون ئارقىلىق ئالدىن كېلىشىپ مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تارماقلىرى بېجىرىشكە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

    سەمىمىي ئەسكەرتىش:

    1. «شىنجاڭ داۋالاش كاپالىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش APP دېتالى»نىڭ ئىككىلىك كودى ( ئاندىرويىد، IOS غا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ)


    2. تېلېفوندا بېجىرىش ۋاقتى: 18:30 - 10:30

    3. مەسلىھەت سوراش تېلېفونى

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى: 4680662، 4658524، 4680625 (0991)

    تىيانشان رايونى (داۋانچىڭ رايونى): 2337203 (0991) 

    سايباغ رايونى: 4533029 (0991)

  يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى): 3193797 (0991)

    شىمىگۇ رايونى (ئۈرۈمچى ناھىيەسى): 4613071 (0991

    ئىقتىساد-تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى): 3720782 (0991)

    مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى: 3306873 (0991)

    4. پوچتىدىن ئەۋەتىپ بېجىرىشتا تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى

    شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى قاراماي شەرقىي كوچىسى 5- نومۇر يىمىن سارىيى 2- قەۋەت

    تاپشۇرۇۋالغۇچى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىشلىرى تەرەققىيات مەركىزى ھەق تۆلەش بۆلۈمى

    پوچتا نومۇرى: 830000

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى