2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىدا قەسەم بەرمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى 115 تېببىي خادىمنى خۇبېينىڭ ۋۇخەن، شياڭياڭغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. بۇ بىر تۈركۈم داۋالاش خادىملىرى جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى شېڭجىڭ دوختۇرخانىسىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 32 خادىم ۋۇخەنگە بارىدۇ، قالغان 83 خادىم لياۋنىڭ ئۆلكىسى ساھەلەر بويىچە ياردەم بەرگەن خۇبېي شياڭياڭغا بارىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاش خادىملىرى ھېسابلىنىدۇ. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياڭ چىڭ فوتوسى
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، شياڭياڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك روھىي ساغلاملىق مەركىزىنىڭ پىسخىكا جەھەتتىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئەترەتكە ئەگىشىپ يولغا چىقتى.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، ۋۇخەن ۋە شياڭياڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىدا ئوراپ قاچىلانماقتا.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، شياڭياڭغا ياردەم بېرىش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلانغا توشۇلماقتا.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىدا، داۋالاش خادىملىرى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشماقتا.
2-ئاينىڭ 12-كۈنى، شېنياڭ تاۋشيەن ئايرودۇرۇمىدا، داۋالاش خادىملىرى خىزمەتداشلىرى بىلەن خوشلاشماقتا.