تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

ئۇلار «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ ئۈچۈن ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى

خاربىن دورىگەرلىك باش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىم داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا، خاربىن دورىگەرلىك باش زاۋۇتى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ ئۈچۈن، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى «كەسىپ ھالقىپ» ئىشلەپچىقاردى (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: بىر قانچە كۈندىن بۇيان، يۇقۇم مەزگىلىدىكى مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە تۈرلۈك بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى بىر تۈركۈم كارخانىلار «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىپ ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلىدى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى «كەسىپ ھالقىپ» ئىش باشلىدى، بەزىلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەسلىگە كەلتۈردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ جيەنۋېي فوتوسى

خاربىن دورىگەرلىك باش زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، خىزمەتچى خادىملار داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقارماقتا، خاربىن دورىگەرلىك باش زاۋۇتى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ ئۈچۈن، «كەسىپ ھالقىپ» داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقاردى (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يىخەي جيالى (خاربىن) ئاشلىق-ماي يېمەكلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ گۈرۈچ زاۋۇتى سېخىدا، ئىشچى مەشغۇلات قىلماقتا (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). گۈرۈچ زاۋۇتى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

خاربىن ئېلېكتىر گۇرۇھى خاربىن پار قازان زاۋۇتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تۇنجى كۈنىدە ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارماقتا (2-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

خاربىن جۇڭيى دورىگەرلىكى 4-زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار دورا ئىشلەپچىقارماقتا (2-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). بۇ زاۋۇت 2-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

يىخەي جيالى (خاربىن) ئاشلىق-ماي يېمەكلىك سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇن زاۋۇتى سېخىدا، ئىشچى ئىشلەپچىقىرىش مەشغۇلاتى قىلماقتا (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى