تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلبە قىلىپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، جاسارەت بىلەن بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، بۇ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ۋەزىپە.

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تۆۋەنلىتىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا قوش غەلىبىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ھەم «14 - بەش يىل»لىق تەرەققىيات ۋە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشىمىز كېرەك. ئۇشتۇمتۇت كەلگەن يۇقۇم مۇقەررەر نۇرغۇن كەسىپ ۋە كارخانىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىككە كەلگەن، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت ۋەزىيىتى شەكىللەندى، ئۈنۈم كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ۋەزىيەتنى ئۇنىۋېرسال تەھلىل قىلساق، بىز يەنىلا بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملىشىمىز كېرەك، ئازراقمۇ كەينىگە سۈرۈش، ساقلاپ تۇرۇش ئىدىيەسىدە بولۇشقا بولمايدۇ.

قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، جەزمەن مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش كېرەك. يۇقۇم ئېغىر رايونلار زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك، باشقا رايونلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش، سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا چېتىشلىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جەزمەن يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك، ھەم ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا ئېلىپ كەلگەن زەربىسى ۋە تەسىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»نى چۆرىدەپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ، قىيىن ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق ۋە خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئاچقۇچ ئىشەنچنى چىڭىتىشتا، مەسىلە ۋە قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ كەتمەسلىك كېرەك. جۇڭگو چوڭ دۆلەت، چىدامچانلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ئايلىنىش ئىمكانىيىتى زور. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ماكرولۇق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇقەررەر ھالدا باسقۇچلۇق، ۋاقىتلىق بولىدۇ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش، ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشتەك ئاساسىي يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رېئال مەسىلە ۋە يوشۇرۇن تەسىرگە قارىتا، بىز كۆڭۈلدە سان بولۇش، پائال تاقابىل تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پەقەت تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتساق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش بىلەن بىللە، داۋاملىق تۈردە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا تولۇق ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتە، ئەڭ مۇھىمى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈرلۈك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە تەشكىللەپ، پۇل مۇئامىلە مەدىتى سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشچى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىش، تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. يېڭىدىن مەبلەغ سېلىنىدىغان تۈرلەردە ئىش باشلاش سالمىقىنى زورايتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئاپەت رايونىدىكى جىددىي داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى، ئايرىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق تۈرلەرگە ئاۋۋال مايىللىشىش كېرەك. دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قورغىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كېسىشىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستېمالنى كېڭەيتىش يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالىنى كۈچەپ مۇقىملاشتۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ساغلام ئىستېمال ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇم دۆلىتىمىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىغا بولغان بىر قېتىملىق چوڭ سىناق، بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا ئاشكارىلانغان كەمتۈكلۈك ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە قارىتا، كۈچەپ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىغا تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

جاپا تارتماي مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، تىز پۈكمەس مىللەت بولۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىس قانچە چوڭ بولغانسېرى، ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى شۇنچە كۈچىيىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلالايمىز، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جەزمەن تېخىمۇ گۈللەپ ياشنايدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش