تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى 

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 2 - ئاينىڭ 12 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ھازىرقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، بىز باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، گوۋۇيۈەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ماددىي ئەشيالارنى يۆتكەپ تەقسىملەش سالمىقىنى ئاشۇردى، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى پائال، تولۇق ئادا قىلدى، كەڭ تېببىي خادىملار ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشتى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش كۆرۈلدى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ تەستە قولغا كەلدى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ھەممىسى تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كەلدى، قىلچە بوشاشماي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇم ئالاھىدە ئېغىر ياكى خەۋپ - خەتىرى بىرقەدەر زور بولغان رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، رايون بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتى ۋە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، يۇقۇملىنىش نىسبىتى ۋە كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق ھالقىلارنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، قىزىغان ئاغرىقلار كۆپ شەھەرلەر بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، داۋالاش كارىۋىتى ۋە ئايرىش نۇقتىسىنى كۆپەيتىشنى چىڭ تۇتۇپ، گۇمانىي كېسەللىك مىسالىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، قەتئىي تۈردە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىش، داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئاغرىقلار، بولۇپمۇ ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەۋزەل داۋالاش بايلىقى ۋە تېخنىكا كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇپ داۋالاپ، ئۈنۈملۈك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى ۋاقتىدا خۇلاسىلەپ كېڭەيتىپ، دورا ۋە ۋاكسىنا پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. خۇبېي ئۆلكىسى، بولۇپمۇ ۋۇخەن شەھىرى يەنىلا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، كارىۋات ۋە تېببىي خادىم قاتارلىق داۋالاش بايلىقى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىلارنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، ئېغىر ئاغرىقلار كارىۋىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇپ، قوبۇل قىلىپ داۋالاش، يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇملانغان ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. 19 ئۆلكە خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەندىن باشقا ۋىلايەت، شەھەرلىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ھۆددىگە ئېلىپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. سىرتتىن كىرىدىغانلار كۆپ چوڭ ئۆلكە، چوڭ شەھەرلەر بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، قايتقان كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىپ ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، قاتناش قوراللىرى مەيدان - بېكەتلىرىنى دېزىنفېكسىيە قىلىش، شامال ئالماشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماسكا، تېببىي مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتىشى ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بېرىپ، ئىشچى - خىزمەتچى كەمچىل بولۇش، ئۈسكۈنە كەمچىل بولۇش، خام ماتېرىيال كەمچىل بولۇش ۋە مەبلەغ قىس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. قىس ماددىي ئەشيالارنى بىرتۇتاش يۆتكەپ تەقسىم قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئالدى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئاشلىق»قا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ۋە «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي، قوشۇمچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش، تەمىنلەشنى تەشكىللەشنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك. ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، ھەرقايسى جايلار ئۇرۇقلۇق، خىمىيەۋى ئوغۇت، يەم - خەشەك قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالار تەمىناتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەتىيازلىق پەرۋىش، ئەتىيازلىق تېرىش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى نۇقتىلىق رايونلاردىن باشقا رايونلار رايونلار بويىچە، دەرىجە بويىچە دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇشنى تۇتقا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك. ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش پىرىنسىپى بويىچە، ناھىيە تەۋەسىنى بىرلىك قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ناھىيە تەۋەلىرىنىڭ خەۋپ - خەتەر دەرىجىسىنى بېكىتىپ، رايون بويىچە، دەرىجە بويىچە پەرقلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بىر تەرەپلىمە ۋە چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇللارنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك، ئاددىيلارچە تاقىۋېتىپلا بولدى قىلىشقا، توختىتىپلا بولدى قىلىشقا بولمايدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشىنى ئازايتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ماكرولۇق سىياسەتنى تەڭشەش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان تەسىرگە قارىتا مۇناسىپ سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىش كېرەك. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەبلەغ سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلەغ ئېھتىياجىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. باسقۇچلۇق، قاراتمىچانلىققا ئىگە باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش كېرەك. مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنىڭ جانلىق، مۇۋاپىق بولۇشىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا قارىتا ئېتىبارلىق ئۆسۈم نىسبىتى كىرېدىت بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى بىرقەدەر زور بولغان رايون، ساھە ۋە كارخانىلارغا قارىتا پەرقلىق ئېتىبار بېرىش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ياخشى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى قوللايدىغان مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يۇقۇمدىن ساقلىنىش خىزمىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەركەز كارخانىلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى قاتارلىق تۈرلۈك كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىچكى ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، تاشقى ئېھتىياجنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس تۈردىكى زايوم سېلىنما يۆنىلىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى ياخشى ئىشلىتىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغىتىپ، بىر تۈركۈم مۇھىم، زور تۈرلەرنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش كېرەك. مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، كۆلىمىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي تاۋار ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىش كېرەك. تاشقى سودا كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنى چىڭ تۇتۇشىنى قوللاپ، سودىدا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى قوللاشنى زورايتىپ، ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. خەلقئارالىق ماسلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، تاشقى سودا تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى خەلقئارالىق مۇھىت يارىتىش كېرەك. تاشقى مەبلەغ تۈرلىرىنىڭ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چەت ئەل سودىگىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى ۋە يانداش قانۇن - نىزاملارنى ياخشى يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەش بىر قېتىملىق چوڭ جەڭ، ھەم بىر قېتىملىق چوڭ سىناق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ھەم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتى، ھەم ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پاراسىتى، ھەم بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىش تەدبىرى، ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، چوڭ جەڭلەردە ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چوڭ سىناقلاردا لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.