تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى −

غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇرەككەپ تىركىشىش ھالىتىگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى، چوقۇم غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە بىلەن، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى جاسارەت بىلەن قولغا كەلتۈرىمىز.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، قەتئىي قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ.

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، باش شۇجى بىرىنچى سەپكە بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، بىز بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەرگە ناھايىتى زور ئىلھام بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۇڭ يۈشيا مۇنداق دېدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە بۇ دوختۇرخانىدىكى 150تىن ئارتۇق تېببىي خادىم سىجىل بىرىنچى سەپتە كۈرەش قىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى تەڭ قوللىنىش، ئۇنىۋېرسال داۋالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئاغرىقلارنى داۋالاش - قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ: مەھەللە يۇقۇمدىن بىرلىشىپ مۇداپىئەلىنىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى، شۇنداقلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك مۇداپىئە سېپى، دەپ تەكىتلىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا، بۇ خەلق مۇداپىئە سېپى بارغانسېرى مۇستەھكەملەنمەكتە. ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى غەربىي ئارقا كوچا مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې گومىڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى بىزگە مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىر، زور، بۇرچىمىزنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. بىز چوقۇم مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆيىدە ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان كىشىلەرگە بولغان ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ۋە پىسخىك يېتەكچىلىكنى ياخشى ئىشلەپ، ئاھالىلەرنى توردا <ئۆيدە تۇرۇشتا مەن ئەڭ كۈچلۈك> مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيىتى مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، كۆپچىلىكنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىمىز».

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يىغىپ ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى، ھەربىر ھالقىنى جايىدا قىلىشى كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايوندىكى قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى ھەم ئاممىنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇشنىڭ راۋانلىقىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر ھەسەنجان ئەخمەت مۇنداق دېدى: «بىز چوقۇم باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى، بولۇپمۇ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى يول قاتناش مۇھىتى يارىتىمىز».

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، « ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاشلىق، ياغ ھەم يېمەكلىك پىششىقلاش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تېز، ياخشى تۇتۇپ، كۆمۈر، توك، ماي، گاز يەتكۈزۈشنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈردى. نۆۋەتتە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 100 ئاشلىق، ياغ پىششىقلاش كارخانىسى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 9339 توننىغا يەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 62 چوڭ سودا سارىيى، 470 كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ مال تولۇقلاش، جازىنى تولۇقلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر كۈنى مال تولۇقلاش، جازىنى تولۇقلاشنىڭ ئۈچ قېتىمدىن كەم بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇردى.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ھازىرقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ رۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز بىر قاتار مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، كارخانىلار ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋاقىتتىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەش، خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان سۇغۇرتىغا قاتناشقان كارخانىلارغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق توپقا دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشنى كۈچەيتىش، «توردا تەكلىپ قىلىشنى توختاتماسلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى توختاتماسلىق»تەك توردا تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى قاتارلىقلارنى دائىملاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شى شىن، چاۋ جىن، يۈەن لېي، مېھرىگۈل غوپۇر، لۇ فېڭباۋ، چېن چياڭۋېي، ما يىنىڭ، خېي خۇڭۋېي، لى چۇنشيا يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئامبار ئاشلىققا تولدى تاماق قاچىسى مۇقىم بولدى
  • ئاپتونوم رايونىمىزدا بايراملىق بازارنىڭ تەمىناتى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولدى
  • ماددىي ئەشيالار تولۇق بولدى