تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ھەم خادىملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈش خېتىنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ): يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، تاشيول قاتناش تورىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تىرانسپورت يېشىل يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى، ئاممىنىڭ زۆرۈر بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇش يولىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى مەخسۇس يولىدىن 566نى ئاچتى ھەمدە ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملار تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش خېتىنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.

  2- ئاينىڭ 12- كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتى ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ھەم خادىملار تىرانسىپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈش خېتىنى بېجىرىش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇشتىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش  ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ماددىي ئەشيالار ھەم خادىملار تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ راۋان يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن، ھەمدە تىرانسپورت تىجارەتچىلىرىنىڭ «يول يۈرۈش خېتى» بېجىرىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىلىدىكەن.

  «يول يۈرۈش خېتى»نى بېجىرىش تەرتىپى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ، «يول يۈرۈش خېتى»نى بېجىرىش جەريانىدىكى ھالقىلار قىسقارتىلدى، 2- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملارنى توشۇش باشلىنىش نۇقتىسى ياكى ئاخىرلىشىش نۇقتىسىدىكى قاتناش تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار تەمىنلىگەن ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان كارخانا ياكى شوپۇرنى «يول يۈرۈش خېتى» نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇشنى ھۆددىگە ئالغان كارخانا ياكى شوپۇر ئۆزى بېسىپ چىقىرىپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆزى تولدۇرۇپ، ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە يېنىغا ئېلىۋالسا، ھەقسىز يول يۈرۈش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، يەرلىك ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىش ئورنىغا قايتىشتا ھۆددىگە ئالغان ئاپتوموبىللارمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش تىرانسپورت يېشىل يولى سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» ھۆددە ئاپتوموبىلدا توشۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، توشۇغۇچى ئورۇن (كارخانا) بىرلىككە كەلگەن نۇسخا بويىچە ئاپتوموبىل يول يۈرۈش خېتىنى ئۆزى چىقىرىپ، يول يۈرگەندە ئېلىۋالسا، تاشيولدا يۈرۈش ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ ھەمدە ئالدىن قولاي يول يۈرەلەيدۇ.

  جايلاردىكى قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى، يول تىرانسپورت باشقۇرۇش ئىدارىسى، يول مەمۇرىيىتى (دېڭىز ئىشلىرى) ئىدارىسى، قاتناش مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يېشىل يول سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرى، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى، نۇقتىلىق كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ماددىي ئەشيالىرى ھەم قايتقان خادىملار تىرانسىپورتىنىڭ راۋان، تېز ، قولاي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى