تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايون سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتونوم رايون يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى سىن يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىركىشىش ھالىتىگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە ئۆزى بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، خۇبېي ۋۇخەننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشكەنلىكى ھەم مۇھىم سۆز قىلغانلىقى بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىزغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چىڭ تايىنىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

بىرىنچى، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك. قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك ھالدا يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك؛ بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش كۈچىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چۈشۈرۈپ، مەھەللە، يېزا - كەنتلەردە دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تولۇق قاپلاش، بوشلۇق قالدۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ شىنجاڭغا قايتىپ كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ تەدرىجىي كۆپىيىشى، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ زورىيىش ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك.

ئىككىنچى، قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا تېخىمۇ ئىلمىي بولۇش كېرەك. ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەل داۋالاش كۈچلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، بىر ئادەمگە بىر لايىھە تۈزۈپ، ئېغىر، خەتەرلىك كېسەللىك مېساللىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ - داۋالاپ، ھەقىقىي تۈردە داۋالاپ ساقايتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. گۇمانىي ئاغرىقلار، قويۇق ئۇچراشقان كىشىلەر ۋە قىزىپ قالغان كىشىلەرنى تولۇق تەكشۈرۈپ ئايرىش، قالدۇرۇپ كۆزىتىش، تەكشۈرۈپ دەلىللەشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۈچىنچى، كاپالەت تېخىمۇ تولۇق بولۇشى كېرەك. داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەشكە تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى ۋە نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورۇنلىرىدىكى ماددىي ئەشيا كاپالىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەش، ساقلاش ۋە بازارنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ سۇ، توك، كۆمۈر، گاز، ماي، ئىسسىقلىق، قاتناش قاتارلىق مۇھىم ئامىللارنىڭ كاپالەت سالمىقىنى زورايتىپ، تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، غەمخورلۇق تېخىمۇ ئىنچىكە بولۇشى كېرەك. چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى بىلەن كەڭ تېببىي خادىملارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ھەرتەرەپلىمە ياخشى ئىشلەپ، مۇنەۋۋەر تىپلار ۋە ئىلغار ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئۇلارنى ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان روھنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئۇرۇش مەيدانىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

بەشىنچى، تەشكىللەش تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت قىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپتە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

ئالتىنچى، ئىستىلدا تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش كېرەك. سىياسىي مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى يىغىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي توسۇپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى تەقدىرلەپ، مۇكاپاتلاپ، دادىل ئىشلىتىپ، ئىستىلى تۇراقسىز، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

يەتتىنچى، تەشۋىقات تېخىمۇ چوڭقۇر بولۇشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى تىپلارنى ۋە تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى تەشۋىق قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ نوپۇزلۇق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلار ۋە ئاممىۋى پىكىر دىققەت نۇقتىسىغا ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى ۋە ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى كەڭ ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ ئۆزى مۇداپىئە كۆرۈش ئېڭى ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، خىزمەتنى تېخىمۇ بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، بىر قولدا مۇقىملىق، تەرەققىياتنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.