تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ خۇبېي غەلىبە قىلسا پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

خۇبېي ۋە ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىنى ياخشى قىلىش پۈتۈن ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك.

«ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ.» 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا، دىتەن دوختۇرخانىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش - داۋالاش مەركىزىدە سىنلىق يىغىننى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جاي ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسەتتى، ھازىر خۇبېي ۋە ۋۇخەندە يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى، سالمىقى تېخىمۇ زور بولغان، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى توسۇش كېرەكلىكىنى گەۋدىلىك تەكىتلىدى ھەم خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاراڭلىق سۆزلىرى، ئېنىق تەلەپلىرى بىزنىڭ نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەيتىشىمىزگە ئېنىق تىرىشىش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە ھەرقايسى سەپلەردىكى يولداشلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە داۋاملىق باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، بۇ كەسكىن كۈرەشنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بولدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تېمىدا تەتقىق قىلىپ، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ھەم خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنى ۋۇخەنگە ئەۋەتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، خۇبېي خەلقى ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلدى. بۇ قېتىم بېيجىڭدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ۋۇخەندە ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكىلەر بىلەن سىندا كۆرۈشۈپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. خۇبېي، بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئاڭلىق ھەرىكەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نۇرغۇن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇردى، ھەرقايسى رايونلاردىن خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە بارغان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملار قانچە جاپالىق بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قورقماس ئىنقىلابىي روھنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قەيسەرلىك بىلەن ئاتلىنىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى كەچتىكى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ياردەم بېرىشتىن، يۈەنشاۋ بايرىمىدىكى جىددىي يىغىلىشقىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن تۈركۈم - تۈركۈملىگەن تېببىي خادىملار ۋۇخەن بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى؛ نەچچە ئون ئورۇن زىچ ماسلىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇرۇلۇش كۈچلىرى تېزلىكتە يىغىلىپ، قىسقا ۋاقىتتا ۋۇخەندىكى خوشېنشەن، لېيشېنشەن دوختۇرخانىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى؛ نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ھەرقايسى ئۆلكىلەر خۇبېينىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىنىڭ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بەردى؛ ئارمىيە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋە خادىملارنى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، نۇرغۇن تېببىي خادىمنى ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى. كۈچلەر خۇبېيغا، ۋۇخەنگە توپلاندى، بايلىق خۇبېيغا، ۋۇخەنگە مايىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى خۇبېي خەلقى، ۋۇخەن خەلقى بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

خۇبېي ۋە ۋۇخەندىكى يۇقۇم تىزگىنلەنسە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى مۇقىملىشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە بىرتۇتاش قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جايدىكى بۇ مەيدان توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك. ھازىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تىركىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر چوقۇم چىڭ تۇرۇپ، ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان روھنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، مۇنەۋۋەر تىپلار ۋە ئىلغار ئىش ئىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇش، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

«ۋۇخەن غەيرەت قىل!» «خۇبېي، بىز كەلدۇق!» «بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، بىرلىكتە مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئالايلى!» بىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش كۈچىگە گۇۋاھ بولدۇق، مىليونلىغان خەلقنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان جاسارىتىگە گۇۋاھ بولدۇق. ۋۇخەن قەھرىمان شەھەر، خۇبېي خەلقى، ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق، ئۇلار تارىختىن بۇيان قىيىنچىلىق ۋە جاپا - مۇشەققەتكە باش ئېگىپ باقمىغان. بىز پەقەت بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭسەكلا، ۋۇخەندە چوقۇم ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلالايمىز، خۇبېيدا چوقۇم ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلالايمىز، پۈتۈن مەملىكەتتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلالايمىز، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى