تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دىياگنوزى قويۇلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ ئاغرىق ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى

2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دىياگنوزى قويۇلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ ئاغرىق كۆڭۈل قويۇپ ئۇنىۋېرسال داۋالاش ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دىياگنوزى قويۇلغان ئاغرىقلارنى داۋالاپ ساقايتىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، رەسمىي دوختۇرخانىدىن چىقتى.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دىياگنوزى قويۇلغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ ئاغرىق ئاپتونوم رايونلۇق تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ۋە نۇقتىلىق قوبۇل قىلىپ داۋالايدىغان دوختۇرخانىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۇنىۋېرسال داۋالىشى نەتىجىسىدە، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دىياگنوزى قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنى داۋالاپ ساقايتىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، شۇ كۈنى رەسمىي دوختۇرخانىدىن چىقتى.

بۇ ئۈچ ئاغرىقنىڭ بىرى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 47 ياشلىق ئەر ئاغرىق بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇخەندىكى ئۆگىنىشىنى تاماملاپ شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇلى سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئايرىپ داۋالانغان، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. بىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 52 ياشلىق ئەر ئاغرىق بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ۋۇخەندە خىزمەت قىلغان، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇلى سىرقىراپ ئاغرىش قاتارلىق بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئايرىپ داۋالانغان، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان. بىرى، تۇرپان شەھىرىدىكى 25 ياشلىق ئايال ئاغرىق بولۇپ، 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ۋۇخەندىن شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، قورسىقى كۆپۈش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەنلىكتىن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ كېسەل كۆرسەتكەن، 1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا يۆتكىلىپ ئايرىپ داۋالانغان.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۇقىرىقى كېسەللىك مىساللىرى دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى كۆڭۈل قويۇپ داۋالاش لايىھەسى تۈزۈپ، جۇڭيى تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىنى تەڭ قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال داۋالاپ،ئاغرىقنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرگەن. ئۈچ ئاغرىق مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ئايرىۋېتىش كېسەلخانىسىدىكى تېببىي خادىملار كوللېكتىپىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ داۋالىشى، كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، كېسەللىك ئەھۋالى سىجىل ياخشىلانغان، نەپەس يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن، ئۆپكە قىسمىنى رېنتىگېنلىق تەكشۈرۈشتە كېسەللىك ئوچۇقىنىڭ سۈمۈرۈلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن، ئۇدا نەچچە كۈن بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمال بولغان، ئۇدا ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق نەپەس يولى كېسەللىك قوزغاتقۇچى نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مەنپىي چىققان، تۈرلۈك خىمىيەلىك تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى نورمال چىققان. ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش - قۇتقۇزۇش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىپ باھالىشى ئارقىلىق، دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 5 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)»دىكى ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك مىسالىنى ئايرىۋېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە يېتىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى