تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ زىچ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى

ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ زىچ مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى كەچتە، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى سىنلىق ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ تەھلىل قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشى، ئۈنۈم يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى، قايتا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، يۇقۇم ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىمىز. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئىرادە ۋە خىزمەتتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى كۆزنەك مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، مەھەللە، كەنت - گۇرۇپپا، تۇەن - مەيدان، ليەندۈي، ئورگان، كارخانا، مەكتەپ قاتارلىق نۇقتىلىق رايون ۋە ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى مەسىلە كەمتۈكلۈكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، تولۇق تەكشۈرۈشنى قەتئىي، كەسكىن قانات يايدۇرۇپ، ئايرىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قەتئىي، كەسكىن ھالدا يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشى، كېڭىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ، كارخانا بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەلىپىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى زىچ مۇداپىئە لىنىيەسىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىشى كېرەك. ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ كىرىپ - چىقىشىنى باشقۇرۇش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «سىرتقا چىقماسلىق، سىرتقا ئاز چىقىش» تەشۋىقات سەپەرۋەرلىكىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشىكنى ھەقىقىي ساقلاش كېرەك. ئەستايىدىل رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تولۇق تەكشۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، ئايرىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ئىلمىي تۈرگە ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىۋېتىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەمنى ھەقىقىي ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. مۇلازىمەت باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيلىك غەمخورلۇقى، مەھەللە ئىللىقلىقىنى نامايان قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغانلارنىڭ مۇداپىئەسىنى ياخشى ئىشلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مۇھىم نۇقتىنى تۆۋەنگە قارىتىپ، تەۋەلىك مەسئۇلىيىتى، ھۆددىگە ئېلىش مەسئۇلىيىتى ۋە ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، چىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ھەرىكەتكە كېلىپ» مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما «تىنچلىنىپ» يۆتكىلىشنى ئازايتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەش مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەجبۇرلاپ، ئىستىلى پۇختا بولمىغان، خىزمەتكە كۈچىمىگەن، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قانۇن، ئىنتىزام، بەلگىلىمە بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن تيەن ۋېن، ياڭ شىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى