تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، ئۇلاردىن ھال سورىدى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

«ئاممىنى كەڭ دائىرىدە سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.» باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز.

مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇداپىئە سېپىنى قەتئىي قوغدايمىز

مەھەللە يۇقۇمنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى سەپ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەھەللىدىن ئىبارەت بۇ مۇداپىئە سېپىنى ساقلاپ قالغاندىلا، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش - يامراش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك ئۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى دۇڭمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھەللىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇستەھكەم قورغانغا ئايلاندۇرىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزگە غايەت زور ئىلھام ۋە تۈرتكە بولدى.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1 - ئاۋغۇست تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تېلېگراف مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى سۇڭ گوجيەن مۇنداق دېدى: «بىز مەھەللىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىمىز».

ئۇچتۇرپان ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ گوچياڭ مۇنداق دېدى: ئۇچتۇرپان ناھىيەسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ پۇختا ئىستىل، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق، بۇ مەيدان ئىس - تۈتەكسىز جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ھازىرقى قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىمىز

بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسى خۇبېي ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇردى.

شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ نەپەس ۋە نەپەس ئېغىر كېسەللەر مەركىزىنىڭ دوختۇرى سۈن فېڭ ھازىر ۋۇخەن داشۆسى خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ شەرقىي دوختۇرخانىسىدا قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە بىز شۇ جايدىكى داۋالاش ئەترىتى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىۋاتىمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز.

«بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، غەربىي شىمال نېفىتلىكى خۇبېي ئۆلكىلىك خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ئارقىلىق ۋۇخەن شەھەرلىك جىنيىنتەن دوختۇرخانىسىغا 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى.» جۇڭگو نېفىت - خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت ئىدارىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ باۋزېڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەن خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، ئۇلارغا قۇربىمىزنىڭ يېتىشىچە تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىمىز».

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرى ساھە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋۇخەنگە پىياز، ماسكا، باكتېرىيەگە قارشى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دورا قاتارلىق تۇرمۇش ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى جىددىي توشۇدى. جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇش ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماددىي ئەشيالارنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ توشۇيمىز، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ھازىرقى قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمىز

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى كېرەك.

غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى كامىلجان يۈسۈپجان مۇنداق دېدى: «بىز تەشۋىقات سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاممىنى يۇقۇمغا توغرا، ئىدراكىي قاراپ، ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ۋە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە ماددىي ئەشيا زاپىسى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، مۇلازىمەت كاپالىتى تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز».

«بىز يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىنچىكە تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ئامما ئالدىنى ئالىدىغان، ئامما تىزگىنلەيدىغان پۇختا مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىمىز» دېدى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جاۋبىسەن يېزىسى پىڭدىڭسەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جېڭ ۋېنجيې.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ئەسقەر ئەخمەت مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈش شەكلىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە جان تومۇرىنى ياخشى قوغدايمىز».

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاڭ يۈنمېي، يۈەن لېي، ياڭ شۇخەن، چاۋ جىن، يۈ مېڭرەن، جاڭ جىلى، ما يىنىڭ، لۇ فېڭباۋ، جەزىرە نېسىپبېك، شى شىن، چېن چياڭۋېي، مېھرىگۈل غوپۇر، ليۇ دۇڭلەي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار داۋ شۈنرۇڭ، جاڭ كەيتو يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى