تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

«دادامنى ئارىيەت بېرەي»

 تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىنساۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ لۇلۇ، جىن تاۋ فوتوسى، خەۋىرى) «ئەتراپىمىزدا ھەمىشە تەسىرلىك ئىشلار ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئىللىقلىق بىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مىليونلىغان جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى.

ئويلاپ باقاي،

چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆيدە ئولتۇرغاندىن سىرت،

يۇقۇمغا زەربە بېرىشكە يەنە نېمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمەن؟

ھە، تاپتىم،

«مەن دادامنى سىلەرگە «ئارىيەت» بېرەي!»

بۇ 2- ئاينىڭ 8- كۈنى،

سەككىز ياشلىق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چېن يوۋخې يازغان «دادمنى ئارىيەت بېرەي» ناملىق ماقالە.

 بۇ قىزچاقنىڭ دادىسى چېن چياڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 12- شى جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 1- شۆبە ئىدارىسى ئامانلىق ساقلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى،

 قىزچاقنىڭ ئاپىسى خۇ جيەنجۈن بولسا ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى پېشقەدەم  كادىرلار باشقارمىسىنىڭ خەلق ساقچىسى.

ساقچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن، چېن يوۋخې شۇنى ئوبدان بىلىدۇكى:

يۇقۇم ئالدىدا، ساقچىلار كەينىگە چېكىنسە بولمايدۇ.

چېن چياڭ خىزمەت قىلماقتا (سولدىن بىرىنچى كىشى).

بۇ يىل چېن چياڭنىڭ تۆت يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چاغاننى ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشى،

يۇقۇمغا زەربە بېرىش ئۈچۈن،

چاغاننىڭ ئىككىنچى كۈنى ئۇ خىزمەت ئورنىغا قايتتى.

ئارىلىقتا ئۆيىگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئاپىرىپ بەردى،

ئەمما، پەقەت ئىشىك ئالدىغىچە ئاپىرىپ بەردى، ئۆيگە كىرمىدى.

چېن چياڭ خىزمەت قىلماقتا (سولدىن بىرىنچىسى)

يۇقۇم ئالدىدا، ساقچىلار كەينىگە چېكىنسە بولمايدۇ!

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش جاپالىق مەزگىلىدە،

بۇ كىچىك دوستنىڭ سەبىي سۆزلىرى،

 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان «قارا كۆك كىيىملىك» دادىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

«دادامنى كۆرمىگىلى بىر ھەپتىدىن ئاشتى،

ئەسلىدە دادام يۈەنشياۋ بايرىمىدا ماڭا ھەمراھ بولۇپ پوجاڭزا ئاتىدىغانغا ماقۇل بولغان ئىدى.»

چېن يوۋخې دادىسىنىڭ ۋەدىسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانىدى،

ئەمما ئۇ ساقچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چۈشىنەتتى.

«ھەممەيلەن ئۇلار پارتىيە ئەزاسى، ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىشى كېرەك دەيدۇ،

بىراق ئاتا-ئانامنىڭ ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىشىنىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

چۈنكى، مېنىڭ پەقەت بىرلا دادام، بىرلا ئاپام بار.»

بۇ مەيدان يۇقۇمغا قارشى جەڭنىڭ بالدۇرراق غەلىبە قازىنىشىنى،

ھەربىر ساقچى دادىنىڭ ۋەدىسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشىنى تىلەيمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى