تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

سانجى شەھىرىدىكى 153 تاكسى مەھەللىلەرنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە ياردەملەشتى

  سانجى گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ يۈەنيۈەن، جۇ شياۋخۇي خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، سانجى شەھىرى 153 تاكسىنى تەشكىللەپ مەھەللىلەرنى مۇقىم باھالىق كۆكتات بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەش ئاپتوموبىلى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلىرىغا مۇقىم باھالىق كۆكتات توشۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ماددىي ئەشيا بىلەن تەمىنلەشكە ۋە سېتىشقا ياردەم بېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

  سانجى شەھەرلىك چېڭجيەن تاكسى چەكلىك شىركىتىنىڭ شوپۇرى جاڭ گۇاڭفېڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 8دىن ئاشقاندا بۇ يەرگە كېلىپ ئۆچىرەتتە تۇردۇق، بۇ يەردىن كۆكتاتلارنى ئالغاندىن كېيىن، ھەر قايسى مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىمىز، ھازىر ئىككى قېتىم توشۇپ بولدۇق، بىر نەچچە قېتىم كۆپرەك توشۇپ، كۆكتاتقا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ھەر بىر ئاھالىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىمىز.

  مۇخبىر بىر بىۋاسىتە تەمىنلەش ئاپتوموبىلىغا ئەگىشىپ، خۇڭچى شەرقىي يولى خۇەنيۈ ئەسىر شەھەرچىسى جەنۇبىي رايونىغا كەلدى، مۇقىم باھالىق كۆكتات بىۋاسىتە تەمىنلەش ئاپتوموبىلى دېگەن خەت يېزىلغان تاكسىنىڭ ئولتۇراق رايونغا كىرگەنلىكىنى بىلگەن ئاھالىلەر خۇشال بولۇشتى، ئاھالىلەر ئۈندىدار ئارقىلىق پۇل تۆلىسە ياكى نەق پۇلغا سېتىۋالسا بولىدىكەن.

  خۇەنيۈ ئەسىر شەھەرچىسىنىڭ ئاھالىسى شۈ خاۋدۇڭ ئاپتورغا مۇنداق دېدى: ھەر كۈنى ئېلىپ كەلگەن كۆكتاتلار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاساسىي كاپالىتىنى قاندۇرىدۇ، كۆپچىلىك مەھەللىدىن چىقمايلا كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى سېتىۋالالايدۇ، باھاسىمۇ ناھايىتى ئەرزان، بۇنداق بىۋاسىتە تەمىنلەش ئاپتوموبىلىنىڭ مەھەللىمىزگە كېلىپ مۇلازىمەت قىلغىنىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.

  خۇەنيۈ ئەسىر شەھەرچىسىنىڭ ئاھالىسى لۈ شىنيۈ مۇنداق دېدى: كۆكتاتلارنىڭ باھاسى مۇۋاپىق، تۈرلىرىمۇ تولۇق ئىكەن، ناھايىتى قولايلىق بولدى.

  سانجى شەھەرلىك چېڭجيەن تاكسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش مەدەنىي ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈنخاۋ مۇنداق دېدى: يۇقۇم ئالدىدا كىچىك ئىش يوق، شىركەتنىڭ شوپۇرلىرى ئۆزى ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەقسىز يەتكۈزۈش ئاپتوموبىلى سېپىگە قاتنىشىپ، شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىرلىرىنى قوللاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  سانجى شەھەرلىك چېڭجيەن تاكسى چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى جوۋ لىپىڭ مۇنداق دېدى: بىز سانجى شەھەرلىك يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېزدىن شەھەر ئاھالىلىرىگە كۆكتات يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشتۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت كۆكتاتنى ھەر قايسى مەھەللىلەردىكى ئاھالىلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن، بىز بۇ ئىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.

  سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى