تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاقسۇ ۋۇخەنگە 100 توننا ئالما ئىئانە قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىز دۇڭ چىڭجۇڭ خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئونسۇ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى شىنجاڭ رۇچۇ يېڭى پېتى سوغۇق ساقلاش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە، شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىكى 300دىن ئارتۇق پارتىيەلىك كادىر ۋە بىر قىسىم باغۋەن پىدائىيلار ئاقسۇ ئالمىسىنى جىددىي ئوراپ قاچىلىماقتا ئىدى. بۇ ئالمىلار سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپى بولغان خۇبېي ۋۇخەنگە ئىئانە قىلىناتتى.

  بۇ يىل 76 ياشقا كىرگەن سۈن گۇيفاڭ شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئىشچىسى، شىركەتنىڭ ۋۇخەنگە ئالما ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى، ئالما ئورايدىغان خادىملارغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، دەرھال تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ياشانغان پىدائىي بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇقۇم پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە تەسىر كۆرسەتتى، كۆپچىلىك يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ، مەنمۇ بىر كىشلىك كۈچ چىقارماقچى». مۇخبىر بوۋاينىڭ يېنىدا 10 يەشىككە قاچىلاپ قويۇلغان ئالمىنى كۆردى.

  ۋۇ گۇاڭشېڭ شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى 1-مەيدان 1-ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، مەيدىسىدىكى پارتىيە ئىزنىكى كۆزنى قاماشتۇرۇپ تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇدا ئۈچ كۈن ئىشلىدۇق، بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئوراپ قاچىلاش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنداپ بولالىشىمىز مۇمكىن، ئاقسۇ خەلقى بىلەن ۋۇخەن خەلقىنىڭ قەلبى بىر تۇتاش، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىتتىپاقلاشساقلا، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلالايمىز».

  بۇ بىر تۈركۈم مېۋىنىڭ سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىنغان ھالدا ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى تىرانسپورت ئاپتوموبىل ئەترىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى بەس-بەستە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ قېتىمقى توشۇش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان.

  شوپۇر ليۇ يۈچۇەن 30 يىللىق پىشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، ئاقسۇ خەلقىنىڭ دوستلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان <سوۋغات>نى ۋۇخەن خەلقىنىڭ قولىغا يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن، ئۇلارنى ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىشكە ئىلھاملاندۇرىمەن».

    «مەن پارتىيە ئەزاسى بولمىساممۇ، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ چاقىرىغا ئاۋاز قوشىمەن، بۇ قېتىمقى توشۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىمەن» دېدى شوپۇر شۈ شىڭۋېي، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق سىرتقا ئاقسۇ كىشىلىرىنىڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىكەن، قاتناش باشقۇرۇشقا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، يوليوبى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلىشىدىكەن.

  شىنجاڭ خۇڭچىپو يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن باش مۇدىر، باش دېرىكتور ياڭ بو مۇنداق دېدى: «ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم ۋە مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بىز خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى ۋە جېجياڭ ئۆلكىسىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا 100 توننا ئالما ۋە 96 توننا يەل-يېمىش (40 توننا ئالما، 30 توننا نەشپۈت، 10توننا چىلان ۋە 16 توننا ياڭاق) يەتكۈزمەكچى، بۇنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئاقسۇ خەلقىنىڭ ۋۇخەن، جېجياڭ خەلقى بىلەن بولغان سەمىمىي دوستلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالدۇرراق يۇقۇم ئۈستىدىن غەلبە قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز!»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى