تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر توردا ئوقۇتۇش شەكلىنى قوللىنىپ دەرس باشلايدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى «يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ توردا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر توردا ئوقۇتۇش شەكلىنى قوللىنىپ دەرس باشلاپ، ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش مەزگىلىدە «دەرس توختىسىمۇ ئوقۇتۇشنى توختاتماسلىق، دەرس توختىسىمۇ ئوقۇشنى توختاتماسلىق»نى كاپالەتلەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش تەمىنلىگەن ئوقۇتۇش بايلىقى رامكىسى دائىرىسىدە توردا ئوقۇتۇش شەكلىنى جانلىق تاللايدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىقنىڭ ئوقۇتۇش شەكلىنى ھەرقايسى جايلاردىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر ئۆزلىرى بېكىتىدىكەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش سۈرەتكە ئالغان سىن دەرسى كۆرسىتىلىدۇ، بۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 - يىللىقىدىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 2 - يىللىقىغىچە بولغان ئاساسلىق پەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇ چاغدا، جۇڭگو مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قانىلىدىمۇ مائارىپ مىنىستىرلىقى تەمىنلىگەن ئالاقىدار دەرس ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللار كۆرسىتىلىدۇ، بۇ، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىقىدىن ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3 - يىللىقىغىچە بولغان دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچىلار دەرس سېتكىسىغا ئاساسەن، ئۆيدە سىملىق تېلېۋىزور، تور تېلېۋىزىيەسى، سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى قاتارلىقلار ئارقىلىق كۆرۈپ ئۆگىنىدۇ.

شىنجاڭ ئاساس مائارىپى بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى، شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتى تور سۇپىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىرتۇتاش سۈرەتكە ئالغان دەرسلەر ماس قەدەمدە كۆرسىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلەت تور بۇلۇت دەرسخانىسىمۇ پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تۈرلۈك دەرسلىرى ۋە ئوقۇتۇش بايلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ئۆيىدە كومپيۇتېر ياكى تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق تېرمىنال ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تورغا چىقىپ كۆرۈپ ئۆگەنسە بولىدۇ. دەرس سېتكىسى شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ ئاساس مائارىپى بايلىقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى (http://edu.xjcxedu.com)، شىنجاڭ مائارىپ پەنلەر تەتقىقات يۇرتى تور سۇپىسى(http://jky.xj.edu.cn) قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا - ئانىلارغا ئېلان قىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ تور سىرتىدا يىغىلىشىنى قاتتىق مەنئى قىلىپ، ئائىلىدىن چىقماي ئۆگىنىشىنى تەكىتلىدى. 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن بۇرۇن، ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەر يېڭى مەۋسۇملۇق دەرسنى توردا ئوقۇتۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن باشلىسا بولمايدۇ. ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆيدىن چىقماي توردا تەربىيەلەش، ئوقۇتۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمايدىغان، چەكلىسىمۇ بويسۇنمايدىغان قىلمىشلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى