تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«قۇتقۇزۇش - داۋالاش + مۇداپىئەلىنىش + ئىشەنچ، بىزنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا، تاراتقۇ مۇخبىرى بىر ئاغرىقنى ئۈندىداردا سىنلىق زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرمەكتە.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شيې لۇڭ فوتوسى)

«مەن كۆپچىلىككە شۇنى ئېيتىمەنكى، قۇتقۇزۇش - داۋالاش + مۇداپىئەلىنىش + ئىشەنچ، بىزنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن!» 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىدا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان لى ئەپەندى سىنلىق كۆرۈشكەندە ئىككى قولىنى جۈپلەپ، تولۇق ئىشەنچ بىلەن: «تېببىي خادىملارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قۇتقۇزغانلىقى، داۋالىغانلىقىغا، شۇنداقلا ئائىلەمدىكىلەر، دوستلىرىمنىڭ قوللاپ، مېنىڭ ئەڭ مۈشكۈل پەيتلەرنى ئۆتكۈزۈشۈمگە ھەمراھ بولغانلىقىغا رەھمەت، ھازىر ناھايىتى ياخشى ئەسلىمگە كېلىۋاتىمەن».

48 ياشلىق لى ئەپەندى 1 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ۋۇخەنگە كاماندىروپكىغا بېرىپ قايتىپ كېلىپ، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئايرىپ داۋالانغان. دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، لى ئەپەندىدە بىر مەزگىل يۇقىرى قىزىتما، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، ئاخىر ئۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئېغىر ئاغرىقى دەپ بېكىتىلدى. «دوختۇرلار، مۇتەخەسسىسلەر ھەر ۋاقىت كېلىپ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ماڭا قارىتىلغان داۋالاش لايىھەسىنى تۈزدى ھەم تەڭشىدى، مەن بىلەن توختىماي پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇردى، سېسترالار ھالىمدىن 24 سائەت ئەتراپلىق خەۋەر ئالدى.» گەرچە بىر مەزگىل ھوشسىز ياتقان بولسىمۇ، ئەمما لى ئەپەندى بۇلارنى ئەسلىيەلەيتتى، «تېببىي خادىملارنىڭ كۈنبويى مېنى دەپ ئالدىراش يۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ چوقۇم بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەندىم...»

نۇرغۇن پەنلەرگە چېتىلىدىغان دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، نۆۋەتتە، لى ئەپەندىنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولدى، نوكلېئىك كىسلاتا تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىمۇ مەنپىي چىقتى، ھازىر ئۇ مەنپىي بېسىملىق كېسەلخانىدا ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئاخىرقى بېكىتىش نەتىجىسىنى كۈتمەكتە. گەرچە كېسەلخانىدىن چىقالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەر كۈنى دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە بەزى ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، جىسمانىي كۈچىنى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلتۈرمەكتە.

نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇخبىر توردا ئالاقىلەشكەن، ئېغىر كېسەلدىن ياخشىلانغان ئاغرىق ليۇ ئەپەندى كارىۋىتىدا ياتقۇسى كەلمەي، ياتاقتا «چۆرگىلەپ» يۈرەتتى. ئىلگىرى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغاندا بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ كەتكەن ليۇ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ھازىر بەدىنىمگە كۈچ كىرگەندەك ھېس قىلىۋاتىمەن، سىرتقا چىقىپ ئىككى مەيدان يۈگۈرۈپ كىرگۈم بار».

كېسىلى ياخشىلانغان بىرقانچە ئاغرىق ئىچىدىكى گۇ ئەپەندىنىڭ يېشى ئەڭ چوڭ بولۇپ، بۇ يىل 52 ياشتا. ئۇزاق مەزگىل ۋۇخەندە خىزمەت قىلغان گۇ ئەپەندى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى شىنجاڭغا قايتىپ كېلىشىگىلا ئازراق قىزىشقا باشلىغان، كېيىن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلۇپ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىغا كىرىپ داۋالانغانىدى.

گۇ ئەپەندىنىڭ بالىلىرى بىلەن تەڭ دېمەتلىك بۇ سېسترالارغا بەك ئىچى ئاغرىدى، «ئۇلار شۇنداق باتۇر، شۇنداق قەيسەر ئىكەن، مەن ھەر كۈنى ئاغرىقلار كىيىمىدىمۇ ئىسسىپ كېتىمەن، بۇ بالىلار قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىپ، يەنە تېخى ئۇياقتىن - بۇياققا يۈگۈرۈپلا يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى بەك جاپالىق ئىكەن!»

كېسەل ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، ئۇ ھەر كۈنى يان تېلېفوندىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى كۆردى، كامېرا ئالدىدا گۇ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مەن پەقەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە، قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىزگە، بۇ تېببىي خادىملارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن بىزنى يۇقۇمدىن توسۇپ قالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتماقچى، بىز قورققۇدەك نەرى بار، بىز چوقۇم يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز!»

بىرنەچچە ئاغرىقنىڭ كېسەل ئەھۋالىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىنىڭ كەينىدە، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جاپالىق ئەجرى بار، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت دەرھال پۈتۈن شىنجاڭدىكى داۋالاش، سەھىيە ساھەسىدىن ئېغىر كېسەل، نەپەس يولى، يۇقۇملىنىش، پەرۋىش قىلىش، جۇڭيى تېبابىتى قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەرگە چېتىلىدىغان 55 مۇتەخەسسىسنى ئاجرىتىپ مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، كىلىنىكىلىق داۋالاشنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزدى، داۋالىدى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىكى 150 نەچچە تېببىي خادىم قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئۇدا كۈرەش قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللەر دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى سۇڭ يۈشيا مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە ئاغرىقلارنىڭ كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامىتى، تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش نەتىجىسى، رېنتىگېن تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق تەھلىل ۋە ھۆكۈم قىلغاندا، كۆپ ساندىكى ئاغرىقلارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولدى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرقانچە ئاغرىقنىڭ ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق نوكلېئىك كىسلاتا تەكشۈرۈشى بىردەك مەنپىي چىقسا، ئۆپكە قىسمىدىكى كېسەل ئوچىقىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى دۆلەت سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ <يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش لايىھەسى(سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان 5 - نۇسخىسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى)>نىڭ دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆزىتىلگەندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى