تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ۋاقىت بىلەن بەسلىشىش، كېسەللىك بىلەن ئېلىشىش، بۇ بىر مەيدان جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان خەلق ئۇرۇشى!

2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ يېتەكچىلىك قىلدى ھەم خۇبېي ۋۇخەننىڭ ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سېپىدىكىلەر بىلەن سىنلىق كۆرۈشۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى سەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى، قوشقان مۇھىم، زور تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھازىرقى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش توغرىسىدىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ، تېخىمۇ قەيسەر ئىرادە، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىرلەر ئارقىلىق، خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەكلىكىنى گەۋدىلىك تەكىتلىدى.

بۇ قېتىمقى يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە كۈچىنىڭ بارىچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، قەھرىمانلارچە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى بويىچە ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. خۇبېي، بولۇپمۇ ۋۇخەندىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، چوڭ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، ئاڭلىق ھەرىكەت قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلدى؛ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇردى، ھەرقايسى جايلاردىن خۇبېي ۋە ۋۇخەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن بارغان كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى ھەمدە ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خادىملار قانچە خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك قورقماس ئىنقىلابىي روھنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، قۇربان بېرىشتىن قورقماي، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى.

ھازىرقى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن يۇقۇم ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە ئىنچىكە تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ھەربىر تۈرلۈك خىزمەتنى، ھەربىر ھالقىنى دەل جايىدا قىلىشى كېرەك. كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر ئالاھىدە جاپاغا چىدايدىغان، ئالاھىدە كۈرەش قىلالايدىغان روھنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇرۇش سېپىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى باشتىن - ئاخىر بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشى كېرەك. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەھەللىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى توسۇپ زەربە بېرىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈچلىرىنى مەھەللىلەرگە يۈزلەندۈرۈپ، مەھەللىلەرنىڭ تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بارلىق مەھەللىلەرنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ مۇستەھكەم قورغانىغا ئايلاندۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ خەلق مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىش كېرەك. تەشۋىقات - تەربىيە ۋە ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەممە بىر نىيەتتە يۇقۇمغا توسۇپ زەربە بېرىدىغان ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىدىغان، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

«ۋۇخەن غەلىبە قىلسا خۇبېي غەلىبە قىلىدۇ، خۇبېي غەلىبە قىلسا پۈتۈن مەملىكەت غەلىبە قىلىدۇ.» خۇبېي ۋە ۋۇخەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى مۇھىمنىڭ مۇھىمى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان جاي، تېخىمۇ زور سالماق، تېخىمۇ كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، جەمئىيەت باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. بېيجىڭ پايتەخت بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيىتى ئېغىر، زور، قەتئىي قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ ھالقىنى قەتئىي ياخشى تۇتۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇمنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تىزگىنلەش كېرەك.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتىكى بىر مەيدان كەسكىن كۈرەش. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قەدىمدىن تارتىپلا بوران - چاپقۇندىن، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى بار، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرنى يېڭىش ئىشەنچى، ئىقتىدارى بار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق ئاممىسىغا چىڭ تايىنىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باتۇرانە كۈرەش قىلىپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭگەندىلا، بىز چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

( شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2- ئاينىڭ 10- كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى