تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 33 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېفىيوپىيەنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبېبەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ 33 - نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇردىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئافرىقا مەسىلىلىرىنى ئافرىقىچە ئۇسۇلدا ھەل قىلىشتا چىڭ تۇردى، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەركىن سودا رايونى رەسمىي قوزغىتىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمى پۇختا ئېلىنىپ، خەلقئارادىكى تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ يېڭى دولقۇن قوزغىدى، باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ چىن، سەمىمىي سىياسەت ئىدىيەسى ۋە توغرا بولغان ھەققانىيەت - مەنپەئەت قارىشىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.