تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغدايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش − ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك؛ نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش − ئېغىر، زور يۇقۇمغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى. يىغىندا نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش تەكىتلەندى ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

نەچچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. كارخانىلارنى ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئېھتىياجنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا «ئوزۇق - تۈلۈك» بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرى ۋە كۆمۈر، توك، ماي، گاز بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىن قاتناش - تىرانسپورتنىڭ تەرتىپلىك، راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، خادىملار، ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال قاتنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقىچە، يەنە تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشكىچە جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكى قوغدالدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىش، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى مۇجەسسەملەندى.

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، نورمال ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپىنى ھەقىقىي قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. ئاھالىلەرنى كۆكتات، گۆش، تۇخۇم، سۈت، ئاشلىق قاتارلىق زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «كۆك - تاق»قا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆكتات قاتارلىق قوشۇمچە يېمەكلىكلەر ئىشلەپچىقىرىشىنى پائال تەشكىللەپ، ماددىي ئەشيا تەقسىملەش ۋە بازار تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر قوللىنىپ، زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى توشۇۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ راۋان قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر، توك، ماي، گاز بىلەن نورمال ياخشى تەمىنلەپ، ئاھالىلەرنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، بېكىتىلگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى، ئايرىۋېتىش سورۇنلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، تېببىي خادىملارنى ئۇرغان، زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەنلەرنى، تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش تەرتىپىنى بۇزغانلارنى جەزمەن كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقى خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمدىن پايدىلىنىپ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىش، تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، توپىلاڭدىن توقاچ ئوغرىلاش قاتارلىق جەمئىيەت تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش، ساختا، ناچار تېببىي دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ماتېرىياللىرىنى ياساش، سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىش، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا كۆرۈلگەن تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە جەزمەن ۋاقتىدا تاقابىل تۇرۇپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ خىزمەتلەرنى ئىنچىكە، تەپسىلىي، كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر مەيدان دوقۇرۇشما جەڭ، بىز ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىمىزغا ئېغىر، زور دەخلى قىلىشىغا يول قويماسلىقىمىز كېرەك. يۇقۇم ئېغىر رايونلار زېھنىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشى، باشقا رايونلار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى، بولۇپمۇ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك، كەينىگە سۈرۈش، ساقلاپ تۇرۇش ئويىدا بولۇشقا بولمايدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشمۇ بىر مەيدان ئومۇمىي جەڭ، بىز بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىش، ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ھەقىقىي، ياخشى ئىشلەپ، ھەم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بوران - چاپقۇنغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلەيلى. جۇڭگو خەلقى چوقۇم قىلالايدۇ! جۇڭگو چوقۇم قىلالايدۇ!

(2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قول تۇتۇشۇپ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاچا-سىڭىللار
  • گۈزەل شىنجاڭنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى يارقىنلىقى بىلەن كىشىنى مەستخۇش قىلدى
  • چىرايلىق كىيىنىپ ئۇسسۇلغا چۈشۈش