تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايون مالىيەسى يەنە 108 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجراتتى

پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يەنىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيەسى 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى يەنە 108 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجراتتى.

ئىگىلىنىشىچە، 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنىگە قەدەر، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر جەمئىي 1 مىليارد 331 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى پۇختا مالىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جەڭ
  • دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك
  • 【ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلايلى】 مېۋە-چېۋە ئىئانە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشقا ياردەم بېرىش