تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىلمىي روھ بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش»تىن ئىبارەت يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ 16 خەتلىك تەلىپى ئىچىدە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش مۇھىم مەزمۇن.

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى يەنە بىر قېتىم تەتقىق قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش پەن - تېخنىكا تىرىكىدىن ئايرىلالمايدۇ، پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئىلمىي دەلىللەپ، يۇقۇم مەنبەسى ۋە تارقىلىش يوللىرىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىش كېرەك. يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىن نۇقتىلىق رايونلاردىكى خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكىچە؛ چاغانلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى تەڭشەشتىن تارتىپ مەنبەنى تەكشۈرۈش ۋە ئېتىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىش، داۋالايدىغان دورا ۋە ۋاكسىنىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېزلىتىشكىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىلمىي روھنى گەۋدىلەندۈردى، ئىلمىي پىرىنسىپنى سىڭدۈردى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىلمىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاشتا چىڭ تۇرغاندىلا، ئاندىن بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ.

ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سالمىقى سىجىل ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ، لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا مۇرەككەپ، كەسكىن. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلەپ بويىچە، «ۋەزىيەتكە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ»، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئىلمىي، ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدىشى كېرەك. چاغاننىڭ 15 - كۈنى يېتىپ كەلدى، قايتىش سەپىرىگە چىققانلارغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم. كۆپرەك بالدۇر پىلان تۈزۈپ، كۆپرەك تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، كۆپرەك ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىر سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش، ئىلمىي تىزگىنلەش، ئىلمىي داۋالاش، ئىلمىي باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قوللىنىپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان سورۇن، ئوخشاش بولمىغان ساھە قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئەھۋاللارغا قارىتا، شەخسىي مۇداپىئە، ئائىلە مۇداپىئەسى، خىزمەت سورۇنى مۇداپىئەسى، قاتناش قورالى مۇداپىئەسى قاتارلىق ئىلمىي قائىدە - تەرتىپلەرنى تۈرگە ئايرىپ تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

پەن - تېخنىكا يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنىڭ ئۆتكۈر قورالى. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا، بىز جەزمەن ئىلىم - پەنگە ئىشىنىپ، ئىلىم - پەنگە تايىنىپ، ئىلىم - پەننىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. ۋىرۇسنى ئېنىق تونۇغاندىلا، ۋىرۇس ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرلىشىپ پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن تەتقىقات، كىلىنىكا جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېز، قولاي بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇش شەكلىنى تېزدىن تەتقىق قىلىپ چىقىپ، ۋاكسىنا ۋە ئۈنۈملۈك دورا قاتارلىق ۋىرۇس كۈشەندىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ چىقىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سەرخىل قوشۇننى مەركەزلەشتۈرۈپ، كېسەللىك مىسالىغا دىياگنوز قويۇش، ئاغرىقلارنى داۋالاش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، داۋالاش لايىھەسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ھەم ئۇلاردىن ۋاقتىدا ئورتاق بەھرىلىنىپ، قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ساقىيىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا بايلىقلىرىدىن بىرىكتۈرۈپ پايدىلىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پەن - تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى پائال قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش قانۇنىيىتى ھەم ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا كۆزىتىپ ئۆلچەپ، بايقاپ، تېخىمۇ قاراتمىلىق ھالدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كەسپىي تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

بىلىم كۈچ دېمەكتۇر. يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئىلىم - پەن ئېڭى ۋە ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم. تۈرلۈك تارقىتىش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئىلمىي يوسۇندا ئۆزىنى قوغدىشى ۋە باشقىلارنى قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنى ئىلىم - پەنگە ھۆرمەت قىلىشقا، ئىلىم - پەنگە ئىشىنىشكە، پىتنە - ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىككە، پىتنە - ئىغۋا تارقاتماسلىققا يېتەكلەپ، تەشۋىشلىنىش كەيپىياتىنى پەسەيتىپ، ئالاقزادە بولۇش پىسخىكىسىنى تۈگىتىش كېرەك. ئامما ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئىلمىي تۇرمۇش شەكلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ساغلام پىسخىك ساپاغا ئىگە بولسىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ مۇھىم مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، بۇ، شەخسىي ساغلاملىق، بىخەتەرلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ۋىرۇسنىڭ خالىغانچە زىيانكەشلىك قىلىشىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك توسۇيالايدۇ. ھەممە ئادەم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىرلىكتە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش جەمئىيەت كەيپىياتىنى ياراتسىلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

ئىلىم - پەن يۇقۇملۇق كېسەل ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ. ئىلمىي روھنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنى ئوبيېكتىپ تونۇپ، ئىلمىي يوسۇندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالساق، تىزگىنلىسەكلا، بىز چوقۇم بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز!

(2 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىكى «خەلق گېزىتى»گە بېسىلغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى