ھاۋا ئارمىيەسى ئاجراتقان سەككىز تىرانسىپورت ئايروپىلانى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىنى ئېلىپ 2- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋۇخەن تيەنخې ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. خەلق گېزىتى مۇخبىرى جاڭ ۋۇجۈن فوتوسى.
1- سەپتە كۈرەش قىلىۋاتقان خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى قارمىقىدىكى تۇڭجى دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى قوغدىنىش كىيىمىنى سالغاندا پۈتۈن بەدىنى چۆپ- چۆپ ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. (تۇڭ شۈەن فوتوسى)
خۇاجۇڭ پەن - تېخنىكا داشۆسى قارمىقىدىكى شيېخې دوختۇرخانىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سېستراسى ئايرىش كېسەلخانىسىدا خىزمەت قىلماقتا. (نيې ۋېنۋېن، ۋاڭ شياۋشياۋ خەۋىرى، فوتوسى)
1- ئاينىڭ 31- كۈنى كەچ، ۋۇخەن شەھىرىنىڭ غەربىي شىمال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ سىرتقى تېمىغا چىراغ نۇرىدا «ۋۇخەن غەيرەت قىل ! » دېگەن خەت شەكلى چۈشۈرۈلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى)
1- ئاينىڭ 27- كۈنى، بىر بىمار دېڭىز ئارمىيەسى ھەربىي تېببىي داشۆسىنىڭ داۋالاش ئەترىتىنى ماختىماقتا. چېن جىڭ فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)
1- ئاينىڭ 31- كۈنى سەھەر سائەت 4 دە، جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇش باش شىركىتى 3- ئىدارىسىنىڭ ئىشچىلىرى خوشېنشەن دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش مەيدانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. (ۋۇ جۈن، خۇاڭ ۋېنرۈي خەۋىرى، فوتوسى)
1- ئاينىڭ 28- كۈنى، لىققىدە قۇتقۇزۇش بۇيۇملىرى قاچىلانغان بىر يۈك تىرانسىپورت ئايروپىلانى ۋۇخەن تيەنخې ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېڭ مىن فوتوسى)
1- ئاينىڭ 31- كۈنى، تاماق يەتكۈزگۈچى قاچىلىق تاماقنى يۈك ئاپتوموبىلىغا سېلىپ، ۋۇخەن شەھەرلىك 5- دوختۇرخانىنىڭ ئاشخانىسىغا ھەقسىز يەتكۈزۈپ بەردى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى خې فوتوسى)