تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللىشى كېرەك

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى −

تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللىشى كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە ئىش باشلىدى، ئالاقىدار تارماقلار كاپالەتلىك قىلدى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىدى، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى چاۋجىڭ يۇيۇش بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئەمدىلا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن پۈتۈن ئاپتوماتىك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئايلىنىۋاتاتتى. «مەركەز داۋالاش مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى، بۇ، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز.» كارخانىنىڭ مەسئۇلى مېڭ فەنيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن باشلاپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى، خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى دەم ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ، مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتى. دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرى بازىرى ئېھتىياجىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، كارخانا ئەسلىدىكى كۈنىگە ئوتتۇرىچە 15 توننا 84 دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىدا، يەنە بىر يۈرۈش پۈتۈن ئاپتوماتىك قاچىلاش - ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كۆپەيتتى، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ھەر كۈنى 100 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 15 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا چىقىپ بولدى.

2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئىلى زىسۇ لىرېن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا، خىزمەتچىلەر ئىش فورمىسى كىيىپ، ماسكا تاقاپ، %75لىك ئىسپىرت دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لو ۋېيكاڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىركەت ئىككى ئىسمېنا نۆۋەتلىشىپ ئىشلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپچىقىرىپ، ئىسپىرت دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە سېلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىكەن.

«بىر مەھسۇلاتنى كۆپرەك ئىشلەپچىقىرىش تېببىي خادىملار ۋە خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ قوغداشقا ئىگە قىلىش، بىخەتەرلىك توسۇقىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش دېمەكتۇر.» لو ۋېيكاڭ مۇنداق دېدى: كارخانا 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاپ، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، 16 توننا ئىسپىرت دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى ئىشلەپچىقاردى. شىركەت بارلىق خىزمەتچىلەرنى شىركەتتە غىزالىنىش، يېتىپ - قوپۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، جان - دىلى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇناسىۋەتلىك تارماقلار يېشىل يول ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش پەقەت تېببىي دورا، سەھىيە مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەر تەرەپلىمە خىزمەت، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى قوللىشى كېرەك.

«داۋالاش مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز يەرلىك كارخانىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى پائال قېزىپ، جىددىي يېشىل يول ئېچىپ، داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۈچ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بەردۇق» دېدى 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى جاڭ يۈشياڭ.

جاڭ يۈشياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 200دىن ئارتۇق دورا سايمانلىرى تىجارىتى كارخانىسى، 8000دىن ئارتۇق دورا دۇكىنىدىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كاپالىتى چوڭ قوشۇنى تەشكىللەپ، كۆپ يوللار ئارقىلىق ماسكا، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىپ، بازارغا تەرتىپلىك سالغان. 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى دورا ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى تەشكىللەپ سېتىۋالغان ۋە بازارغا سالغان ماسكا 9 مىليون 600 مىڭدىن، مۇداپىئە كىيىمى، ئايرىش كىيىمى 30 مىڭدىن، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى 180 توننىدىن ئېشىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى تەمىناتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىنغان.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ يەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرغان، ئەمەلىيلەشتۈرگەن، بولۇپمۇ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان مۇداپىئە بۇيۇملىرى، دېزىنفېكسىيەلەش بۇيۇملىرى قاتارلىق مۇھىم، زور ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى ياخشى قىلىش جەھەتتە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، پائال نەتىجە ياراتقان. 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى سىستېمىسى 530 مىڭدىن ئارتۇق ماسكا، 30 مىڭ جۈپ پەلەي، 1288 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى، 1085.635 توننا دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى(دەسلەپكى سۇيۇقلۇق) ئىئانە قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ ۋە تەشكىللەپ تۈرتكە بولۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تۆھپە قوشىدۇ.

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، بىر نىيەتتە «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ قىلىش

ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ كۈچلۈك يادرولۇق كۈچى.

«بىز تېڭشۈن ئاممىۋى پاراۋانلىق سۇپىسى ئارقىلىق <بىرىنچى سەپكە ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىپ، يۇقۇم ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش> ئاۋام مەبلەغ غەملەش تۈرىنى يولغا قويدۇق، 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنىگىچە، جەمئىي 2 مىليون 248 مىڭ 488 يۈەن تۆت مو توققۇز پۇڭ غەملەندى، 56 مىڭ 115 ئادەم قېتىم قاتناشتى» دېدى شىنجاڭ خۇڭشى خەير - ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى لى چاۋ.

لى چاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، پۇل غەملەش تۈرىنى پائال ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ خۇڭشى خەير - ساخاۋەت فوندى جەمئىيىتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەشكىلاتى ۋە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش خىزمىتىنى جىددىي، ئىنچىكە قانات يايدۇرغان. نۆۋەتتە، بۇ فوندى جەمئىيەتنىڭ جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش ئارقىلىق سېتىۋالغان تۇنجى تۈركۈمدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ۋۇخەن شەھىرى دۇڭخۇ رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا ئەۋەتىلگەن، 2 - تۈركۈمدىكى ماسكا، پەلەي، دېزىنفېكسىيە سۇيۇقلۇقى، مۇداپىئە كىيىمى قاتارلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەرگە ئەۋەتىلگەن.

«بىز تۈردە غەملەنگەن ئىئانە پۇلىغا بىرىنچى ۋاقىتتا ماددىي ئەشيالارنى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالىمىز ھەم ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا تېز يەتكۈزۈپ بېرىمىز. كېيىن بىز يەنە ئىئانە پۇلىنى ئىشلىتىش ھەم ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىمىز» دېدى لى چاۋ ئىپادە بىلدۈرۈپ.

يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مېھىر - مۇھەببىتىنى مۇجەسسەملەپ، توردا ۋە تور سىرتىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە ئىئانە توپلىدى. 2 - ئاينىڭ 7 - كۈنىگىچە، جەمئىي 3 مىليون 537 مىڭ يۈەن قىممىتىدە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم توپلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىئانە پۇلى 1 مىليون 826 مىڭ يۈەن، ئىئانە قىلىنغان ماددىي بۇيۇمنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 1 مىليون 711 مىڭ يۈەن. شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى تۈر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تاڭ تاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قىسمەن ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيەتلىرىگە ئىئانە پۇلى ئاجرىتىپ بېرىپ، شۇ جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋېلىشىغا ئىشلەتكەن. كونكرېت ئىئانە قىلىش ۋە ئاجرىتىپ بېرىش، ئىشلىتىش ئەھۋالى كېيىنكى مەزگىلدە شىنجاڭ خەير - ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ھۆكۈمەت تور بېكىتى ھەم تېڭشۈن ئاممىۋى پاراۋانلىق سۇپىسىدا ئېلان قىلىنىدىكەن.

«پەقەت كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر نىيەتتە <يۇقۇم>غا قارشى جەڭ قىلساقلا، بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلالايمىز» دېدى تاڭ تاۋ.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى چۇنشيا، رېن خۇا، يۈ شى، لى لىن، ۋاڭ دۇڭ، جاۋ شىيا، شى شىن، ما يىنىڭ، خەن چىنيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر لېي تىڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى