− ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگىنىنىڭ رەھبىرى، ئادۋوكات مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي يۈنيەن
نۆۋەتتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا. قانداق قىلغاندا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ؟ ھۆكۈمەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ قانۇندا يۈكلەنگەن قايسى مەجبۇرىيەتلىرى بار؟ قانداق قىلغاندا تۈرلۈك بازارنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟ تۇرۇش تارىخىنى يوشۇرغانلار، ئايرىۋېتىشنى رەت قىلغانلار، پىتنە - ئىغۋا تارقاتقانلار قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ ئامما قانۇن مۇلازىمىتى ئۈستىدە قانداق ئىزدىنىدۇ؟ 2- ئاينىڭ 6- كۈنى، مۇخبىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جوۋ جىخاۋ، شىنجاڭ جىڭرەن ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى خەي رۈينى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنى بىر - بىرلەپ جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.
مۇخبىر: 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئاپتونوم رايون ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، نوپۇسنىڭ يۆتكىلىشىنى چەكلەش، خادىملارنى ئايرىش قاتارلىق بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
جوۋ جىخاۋ: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت قوللانغان بىر قاتار ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قانۇن ئاساسى بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قانۇنى»، «تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»، «تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش نىزامى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىن ئىبارەت.
بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى − قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بۇنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكىچە ئالاھىدە تەكىتلىدى ۋە تەلەپ قىلدى، بارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ ھەممىسى قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىنىپ قانۇن بويىچە چىقىرىلغان، شۇڭا پۈتۈن جەمئىيەتتىكى بارلىق ئورۇنلار ۋە خادىملار قەتئىي تۈردە قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك.
مۇخبىر: قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ناۋادا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ۋە گۇمانىي ئاغرىق بايقالسا، داۋالاش ئاپپاراتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى نېمە؟
جوۋ جىخاۋ: «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، دۆلەت نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا قارىتا «B تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەل، A تۈردىكى باشقۇرۇش» بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يولغا قويدى. داۋالاش ئاپپاراتلىرى A تۈردىكى يۇقۇملۇق كېسەلنى بايقىغاندا، ئاغرىق، كېسەل يۇقتۇرغۇچىنى ئايرىپ داۋالايدۇ، ئايرىش مۇددىتى تېببىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ گۇمانىي ئاغرىقلارنى ئېنىق دىياگنوز قويۇشتىن بۇرۇن بەلگىلەنگەن ئورۇندا يالغۇز ئايرىپ داۋالايدۇ؛ داۋالاش ئاپپاراتى ئىچىدىكى ئاغرىق، كېسەل يۇقتۇرغۇچى، گۇمانىي ئاغرىقلار بىلەن يېقىن ئۇچراشقانلارنى بەلگىلەنگەن ئورۇندا تېببىي كۆزىتىدۇ ۋە باشقا زۆرۈر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ. بۇ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى چوقۇم ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت، شۇنداقلا ئالاقىدار خادىملار چوقۇم ماسلىشىپ ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەت.
مۇخبىر: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، پۇقرالار قانۇندىكى مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئادا قىلىدۇ؟
خەي رۈي: يۇقۇم ئالدىدا بىرمۇ مۇستەسنا ئادەم يوق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چۈشىنىش ۋە قوللاش ھەربىر پۇقرانىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى، «قاچماسلىق، قارشىلاشماسلىق، كېڭەيتىۋەتمەسلىك، تارقاتماسلىق، پىتنە - ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، پىتنە - ئىغۋا تارقاتماسلىق، غوۋغا كۆتۈرمەسلىك، جېدەل چىقارماسلىق، توسقۇنلۇق قىلماسلىق، ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرماسلىق، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياسىماسلىق، ساتماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەربىر قۇرامىغا يەتكەن پۇقرا كۆپ خىل يول ئارقىلىق ئۆگىنىپ، يېنىدىكى ياشانغانلار ۋە بالىلارغا ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەپ چۈشەندۈرۈپ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى چۈشەندۈرۈپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
مۇخبىر: پۇقرالار ئۆزىنىڭ سەھىيە مۇداپىئەسىنى ياخشى قىلغاندىن باشقا، يەنە قايسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىگە قانۇن بويىچە ماسلىشىشى كېرەك؟ ئەگەر ئاممىدا تۇرۇش تارىخىنى يوشۇرۇش، ئايرىۋېتىشنى رەت قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بولسا، قانداق قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ ئېغىر جازا نېمە؟
جوۋ جىخاۋ: بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا قارىتا، دۆلەت A تۈردىكى (ئەڭ يۇقىرى دەرىجە) يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللاندى، شۇڭا «يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى بارلىق ئورۇن ۋە شەخس كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش، ئەۋرىشكە ئېلىش، ئايرىپ داۋالاش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى چوقۇم قوبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار بىلەن ئەينەن تەمىنلىشى كېرەك.
خەي رۈي: ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلار ئۇچرىشىش تارىخىنى چۈشەندۈرۈشنى خالىمىسا ياكى ئاز - تولا يوشۇرسا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق بىلەن يېقىن ئۇچراشقانلار ئۇچرىشىش تارىخىنى ئېتىراپ قىلمىسا ھەمدە ئايرىشقا ماسلاشمىسا، ھەتتا قېچىپ كېتىش قىلمىشى كۆرۈلسە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەھەللە ۋە داۋالاش ئاپپاراتىغا ماسلىشىپ مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش، داۋالاش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. يۇقىرىقى قىلمىشنىڭ سەۋەنلىكىدىن يۇقۇملۇق كېسەل تارقىلىپ كەتسە، قىلمىشى ئېغىر بولسا، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتسە، «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ، ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى يېنىكرەك بولسا، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئەگەر ئېنىق دىياگنور قويۇلغان ئاغرىق ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ياكى گۇمانىي ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن نازارەت قىلىش - تىزگىنلەشتىن قېچىپ، تاسادىپىي يۇقۇملۇق كېسەلنى قەستەن تارقىتىپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزسە، تېخىمۇ ئېغىر بولغان خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن ئاممىۋى بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، ئۇلارغا «جىنايى ئىشلار قانۇنى» بويىچە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشى ياكى كوللېكتىپ ۋە شەخسنىڭ مال - مۈلكىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدۇ.
مۇخبىر: قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھۆكۈمەت تارماقلىرى قايسى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئاشكارىلىشى كېرەك؟
خەي رۈي: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، خەلق ھۆكۈمىتى ئاشكارىلايدىغان ئۇچۇرلار ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمىنىڭ خاراكتېرى، سەۋەبى، يۈزبەرگەن جاينىڭ دائىرىسى، ئۆلۈش - يارىلىنىش ھەمدە چېتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دائىرىسى، بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى ۋە تىزگىنلەش ئەھۋالى ھەمدە يۈزبەرگەن ئورۇننىڭ بىكار قىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەمئىيەتتىكى ئامما ئۇچۇرغا توغرا يول ئارقىلىق ئېرىشىشى، پىتنە - ئىغۋا پەيدا قىلماسلىقى، پىتنە - ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىكى، پىتنە - ئىغۋا تارقاتماسلىقى كېرەك.
مۇخبىر: نۆۋەتتە، توردا بەزى يالغان ئۇچۇرلار ۋە پىتنە - ئىغۋالار تارقالدى، نۇرغۇن ئۇچۇرغا ھۆكۈمەت تەرەپ رەددىيە بەردى. پىتنە - ئىغۋا پەيدا قىلغان، تارقاتقانلار قانداق قانۇنىي جاۋابكارلىقنى زىممىسىگە ئالىدۇ؟
جوۋ جىخاۋ: «تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تاسادىپىي ۋەقەنىڭ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىققان ھەمدە تارقاتقان ياكى تاسادىپىي ۋەقە ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ياكى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە مۇناسىۋەتلىك ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تارقاتقانلار تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارنىڭ قانۇن بويىچە كەسپىي پائالىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىلىدۇ ياكى كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار دۆلەت خادىمى بولسا يەنە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش سادىر قىلغانلارنى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.
«جىنايى ئىشلار قانۇنى»دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ساختا، يالغان خەتەرلىك ئەھۋال، يۇقۇم ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى، ساقچى ئەھۋالى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۇچۇر تورى ياكى باشقا تاراتقۇلاردا تارقاتقان ياكى ساختا، يالغان ئۇچۇر ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ، قەستەن ئۇچۇر تورى ياكى باشقا تاراتقۇلاردا تارقاتقان، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر مالىمان قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى، يەتتە يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
مۇخبىر: ھەر دەرىجىلىك مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانداق قىلىپ تۈرلۈك بازارنى قاتتىق باشقۇرۇپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرۈش، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساش، سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ؟ ئەگەر قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىش يۈزبەرسە، قانۇن بويىچە قانداق زەربە بېرىدۇ؟
جوۋ جىخاۋ: نۆۋەتتە، ھەرقايسى جايلاردىكى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ماسكا قاتارلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان تاۋارلارنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتىدۇ، بازار تەرتىپىنى مالىمان قىلىش قىلمىشىنى بايقىغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «تاسادىپىي يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دەخلى يەتكۈزگەن جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»دا، دۆلەتنىڭ تاسادىپىي يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇمى قاتارلىق ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەزگىلىدە بازار تىجارىتى، باھا باشقۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، مال باھاسىنى ئۆستۈرگەن، ھەددىدىن زىيادە كۆپ پايدا ئالغان، بازار تەرتىپىنى ئېغىر مالىمان قىلغان، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋەت سوممىسى بىرقەدەر كۆپ بولغان ياكى باشقا ئېغىر ئەھۋاللارنى سادىر قىلغانلارغا «جىنايى ئىشلار قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇنسىز تىجارەت قىلىش جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىلىپ، قانۇن بويىچە ئېغىرلىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
مۇخبىر: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن كېيىن، مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئامما بەس - بەستە پۇل ۋە بۇيۇملارنى پائال ئىئانە قىلىپ، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىدۇ، بۇلار قانۇندا تەشەببۇس قىلىنغانمۇ؟ قانۇن بويىچە قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟
جوۋ جىخاۋ: «ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى ھەدىيە قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تەبىئىي ئىگە، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىغا ۋە پايدا ئالمايدىغان ئاممىۋى پاراۋانلىق كەسپىي ئورۇنلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقسىز مال - مۈلۈك ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە يۇقۇم يۈزبېرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىئانە قىلغان ماددىي ئەشيالار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋە سەھىيە ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرى مەقسىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا قانۇنچىللىق روھىدا رىغبەتلەندۈرۈلگەن ۋە تەشەببۇس قىلىنغان.
داۋالاش ئاپپاراتى قانۇنلۇق ھەدىيە قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنغا تەۋە. داۋالاش ئاپپاراتى گەرچە ھەدىيە قوبۇل قىلىشقا ھوقۇقلۇق بولسىمۇ، لېكىن ھەدىيەنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھەدىيە قىلغۇچىغا قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە ھۆججەت بېرىشى، قوبۇل قىلغان ھەدىيە مال - مۈلۈكنى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، ئوبدان باشقۇرۇشى لازىم. يەنە ھەدىيە قوبۇل قىلىش ئەھۋالى ۋە ھەدىيە قىلىنغان مال - مۈلۈكنى ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى لازىم.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى «يۇقۇم»غا قارشى جەڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئائىت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنىڭ مۇھىملىقى، ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى نامايان قىلدى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى قانداق قانات يايدۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قانۇن بويىچە مەدەت بېرىش ۋە ماسلىشىشقا يېتەكلەيدۇ؟
جوۋ جىخاۋ: ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قانۇن بىلىملىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا شۇ ئومۇملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈزۈمى بىرلەشمە يىغىنىغا ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى جايلاردىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىدىن مەملىكەتلىك قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى تەشكىللەپ تۈزۈپ باستۇرغان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ھازىرقى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە ئالاقىدار قانۇن بىلىملىرىدىن سوئال - جاۋاب»نى چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسىلىسىنى چۆرىدەپ قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يۇقۇمغا سوغۇققانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەڭ زور چەكتە چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە تەرتىپلىك قاتنىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياخشى قانۇنچىللىق كەيپىياتى يارىتىشنى تەلەپ قىلدى.
مۇخبىر: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغان مەزگىلدە، خەلق ئاممىسىنى قانداق قىلغاندا قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، زىددىيەت - ماجىرالارنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟
جوۋ جىخاۋ: ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلاردىن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدىكى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى خىزمىتىنى، بولۇپمۇ زىددىيەت - ماجىرالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تور ئارقىلىق مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ، «ئالاقە تورى + ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى» ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى 12348 شىنجاڭ ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى قىزىق لىنىيەسى، 12348 شىنجاڭ قانۇن تورى، شىنجاڭ ئالقان 12348 ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى، شىنجاڭ رۈي مۇرەسسە ئۈندىدار كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق تور قانۇن مۇلازىمىتىنى ئىزدەشكە پائال يېتەكلەپ، ئاممىنىڭ زىددىيەت - ماجىرالىرىنى ئەڭ زور چەكتە ياخشى ھەل قىلىش كېرەك.