تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ياش دادا خۇبېيغا ياردەم بېرىش سەپىرىگە ئاتلاندى: قەلبىمىز ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىللە

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر كاڭ خاۋيەن خەۋىرى): 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا پەرۋىش خادىملىرىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە ۋۇخەنگە بېرىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە ياردەم بېرىشكە تىزىملىتىشقا تەشكىللىدى، بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتىلا 30غا يېقىن سېسترا تىزىملاتتى، ياش دادا ليۇ فېي شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

  بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ليۇ فېي قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا ناركوز بۆلۈمى ئوپېراتسىيەخانىسىنىڭ سېستراسى، پەرۋىش ئورنىدا خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا توققۇز يىل بولغان ليۇ فېي كۈندىلىك خىزمەتلەردە ئوپېراتسىيەدە يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش، دېزىنفېكسىيەلەپ ئايرىش قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى توپلىغان. «بىزنىڭ تەجرىبىمىز مول بولۇپلا قالماي، يەنە يۈرەكلىك، ئىنچىكە ئىش قىلىدىغان ئەر سېسترا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، جىسمانىي كۈچىمىزمۇ بىر قەدەر ياخشى، مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك» دېدى ئۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن، «يېقىندا دوختۇرخانىمىزمۇ ھەر دەرىجىلىك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، تېببىي خادىملارنىڭ مۇداپىئە كەسپىي ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق».

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، ليۇ فېي يۇقۇمغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەنىدى، ۋۇخەندىكى دوختۇرلارنىڭ پەۋقۇلئاددە ئارتۇق خىزمەت قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى دائىم ئۇنى بىئارام قىلاتتى. شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىققاندىن كېيىن، ئۇمۇ بىرىنچى سەپكە بېرىپ تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلغانىدى. 2-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندا، ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرشنى تەلەپ قىلدى.

  ليۇ فېينىڭ بالىسى بۇ يىل بىر يېرىم ياشقا كىرگەنىدى. بۆلۈمدىكىلەر ئادەتتە ليۇ فېينى «ياش دادا» دەپ ئاتايتتى. تىزىملاتقىنىنى ئائىلىسىدىكىلەرگە ئۇقتۇرغاندا، خوتۇنى كۆڭلىدە تەييارلىق قىلىپ بولغان بولۇپ، «ئۆيدە مەن بار، خاتىرجەم بولۇڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزنى ياخشى قوغداڭ» دېدى ھەم دەرھال ليۇ فېينىڭ يۈك-تاقلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ماشىنا بىلەن ئۇنى يولغا چىقىشقا يىغىلىدىغان دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويدى.

  «گەرچە شىنجاڭ ۋۇخەندىن يىراق بولسىمۇ، لېكىن قەلبىمىز ۋۇخەن خەلقى بىلەن بىللە، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن جۇڭگو خەلقىنى خاتىرجەم قىلمىز!» يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ليۇ فېي بۆلۈمدىكى خىزمەتداشلىرى بىلەن خوشلىشىپ، جەڭگە قاتنىشالمىغان خىزمەتداشلىرىغا ۋاكالىتەن ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى جەزمەن غەلىبىلىك تاماملاپ، تېزدىن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  قاراماي شەھەرلىك مەركىزىي دوختۇرخانا پەرۋىش بۆلۈمىنىڭ سېسترالار باشلىقى، مۇدىر سېسترا دەي ۋېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم قاراماي شەھىرىدىكى تۆت دوختۇرخانا 20 پەرۋىش خادىمىنى ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە يەتتىسى سېسترالار باشلىقى، ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسى 10-20 يىللىق ئىستاژغا ئىگە سېسترالار بولۇپ، بىر كۈچلۈك قوشۇن. 50 ياشلىق دەي ۋېن 30 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ۋە يېشى ئەڭ چوڭ بولغاچقا، ئۇ باشلامچى بولۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالدى. «قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، پارتىيە ئەزالىرى بىرىنچى سەپكە ئاتلىنىشى كېرەك. بىزنىڭ بۇ جەڭنى يېڭىشكە، سەپداشلىرىمىزنى ئېلىپ تىنچ-ئامان قايتىپ كېلىشكە ئىشەنچىمىز بار» دېدى دەي ۋېن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى