ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈردى −
ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىمىز
شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى
2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەتتە بولۇپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ بۇ مەيدان خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى ۋە سەپەرۋەر قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ.
تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مەدەت بىلەن تەمىنلەيمىز
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، پەقەت تېببىي دورا، سەھىيە مەسىلىسى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەر تەرەپلىمە خىزمەت، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى مەدەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، غۇلجا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شىنجۈن مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇپ، ئوبلاست بىلەن شەھەر بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئاممىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى سوت نازارەتچىلىكى 1 - كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن كوللېگىيە باشلىقى يى شياڭخۇ مۇنداق دېدى: بىز تاسادىپىي يۈز بەرگەن يۇقۇملۇق كېسەل، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشكە دەخلى يەتكۈزۈش قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتكە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلى نازارەتچىلىكى ئىشخانىسى 1 - باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋېن جياڭ مۇنداق دېدى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىش، دەل جايىدا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.
ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇيمىز
چاغاندىن كېيىنكى قايتىش سەپىرىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كىشىلەر بارغان جاي ۋە چىققان جاينىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش − ھازىرقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ھالقىسى. ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) ئۈرۈمچى ۋوگزالى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇ شياۋچېڭ مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى ۋوگزالى تەۋەلىك رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى «زەربىدار بەن» تەشكىللەپ، 24 سائەتتە ئۈچ ئىسمېنا، ئىككى قېتىم ئايلىنىش ئۆتكىلىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ۋوگزالغا كەلگەن كىشىلەرگە قارىتا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەش ھەم ئۇچۇرنى تەكشۈرۈپ تىزىملاشنىڭ تولۇق قاپلىشىنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە تۇرۇشلۇق جايدىكى تۆمۈريول، سەھىيە، داۋالاش قاتارلىق تارماقلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك پارتىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭگە ئاتلىنىپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى قەتئىي زىچ توقۇدى.
«مەركەز پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈچۈن، داۋاملىق ھالدا ئېھتىياجغا ئاساسەن پۈتۈن مەملىكەتتىن تېببىي خادىملارنى يۆتكەپ ئەۋەتىپ ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى.» ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يۈ ئەيپىڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەسىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى بىرىنچى ۋاقىتتا ئېغىر كېسەللەر تېبابىتى جەھەتتىكى تايانچ كۈچلەرنى مەركەزلىك تەربىيەلەشكە تەشكىللىدى. 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دوختۇرخانا تىزىمغا ئالدۇرغان 1600 يولداش ئىچىدىن ئېغىر كېسەل، نەپەس يولى كېسىلى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىكى 142 كەسپىي تايانچنى ۋۇخەنگە ئەۋەتتى، ئۇلار ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش بىرىنچى سېپىدىكى قەتئىي ياخشى ئاۋانگارت ئەترەت، زەربىدارلاردىن بولدى.
ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلايمىز
يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتماسلىق كېرەك. 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سائەت 21دە، شىنجاڭ پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا ئىشچىلار فورما كىيىپ، ماسكا تاقاپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ ئىشلەپ ئايرىش كىيىمى ئىشلەپچىقىرىۋاتاتتى. «مەركەز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىنى تىرىشىپ ساقلاشنى تەلەپ قىلدى. بۇ، بىزنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئىشەنچىمىزنىڭ ئىپادىسى.» بۇ شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ گۇاڭبىن قەتئىي مۇنداق دېدى: «بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز».
ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەچە يېزىسى قوغادەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى لى جې مۇنداق بىلدۈردى: دىققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قورغاننى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، كەڭ دېھقانلار ئاممىسىغا ساغلام، پاكىز تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىمىز.
ئۇدا نەچچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)نىڭ پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ جياڭيەن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى باشتىن - ئاخىر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تەشۋىق قىلىش - خەۋەر قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چېپىپ يۈردى. «بىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەيمىز»دېدى يۈ جياڭيەن.
(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى لى ياڭ، جەزىرە نېسىپبېك، ياڭ شۇخەن، جاۋ جىيۈن، فۇ شياڭلۇڭ، چاۋ جىن، يۈ مېڭرەن، جاڭ يەنفاڭ، شى شىن، چېن چياڭۋېي يازغان)