تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەممىمىز كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك»

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جاۋ چۇنخۇا، سۇ لۇپىڭ، جيا چۇنشيا

تېببىي خادىملار يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاغرىقلارنى قۇتقۇزدى، داۋالىدى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى... ئۇلارنىڭ جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماي، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھى ئىللىق ئېقىم ھاسىل قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كۈچ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدىكى جەڭگىۋار كۈچكە ئايلاندى.

ئاخبارات خىزمەتچىلىرى:

«يۇقۇم»غا قارشى جەڭدىكى ئىللىق كۆرۈنۈشلەرنى خاتىرىلىدى

يۇقۇم ئالدىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاخبارات خىزمەتچىلىرى مۇخبىرلىق، تەھرىرلىك بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، گېزىت، رادىيو - تېلېۋىزىيە، كۆچمە تېرمىنال قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى جانلىق بايان قىلىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدى.

1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى يولغا چىقتى، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) فوتو سۈرەت بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى خەن لياڭ فوتو ئاپپارات ئارقىلىق بۇ قىممەتلىك دەقىقىنى خاتىرىلىدى. مۇخبىر چاۋ جىن گېزىتخانا پارتكومىغا «جەڭگە قاتنىشىش ئىلتىماسى» تاپشۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋۇخەنگە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، «مەن ئۇزاقتىن بۇيان داۋالاش - سەھىيە خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىپ كەلدىم. پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ھەم مەجبۇرىيىتىم بار، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل بولغان جايغا بارىمەن!»

زىيارەت داۋامىدا، نۇرغۇن تېببىي خادىمنىڭ ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن، تاماق يېيىش، سۇ ئىچىشكە پېتىنالمايدىغانلىقى، يەنە قەغەز زاكا كىيىپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە خەۋەر مەركىزىنىڭ مۇخبىرى سۈي دۇڭ ۋە ھەمراھلىرى بۇ مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل خاتىرىلىۋالدى. «بىز كۆرۈنۈش ئارقىلىق كۆپچىلىككە شۇنى دېمەكچىمىزكى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىمىز، بىز قىلالايمىز!» دېدى سۈي دۇڭ.

ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى:

مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئەدەبىيات، گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا، ئەلنەغمە ئەسەرلىرى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جەڭ قىلىۋاتقان خىزمەتچى خادىملارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«ئۇلار ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشىكتە ئۆزىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تەلمۈرۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە كەينىنى قىلىپ، كېسەلگە قارشى ئاتلىنىپ، يۇقۇم ئۇلغىيىۋاتقان قاينامغا بۆسۈپ كىرىپ، قان بىلەن گۆشتىن پۈتۈلگەن جىسمى ئارقىلىق ۋىرۇس ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يالقۇننى توستى...» شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس جاڭ شىنشېڭ ئىجاد قىلغان نەسىرى «ئۆلمەس ئاسمان»دا، جانلىق قەلىمى ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان تېببىي ئەزىمەتلەرنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، مېھرىبانلىقنى كۆڭلىگە پۈككەن ئۇلۇغ جاسارىتىنى قىزغىن مەدھىيەلىدى.

«ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر خەتەرگە قارشى ئاتاكىغا ئۆتتى، پارتىيەلىك كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ئۈلگە بولدى. ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسى بىرىنچى سەپكە كېلىپ ياردەم بەردى، نۇرغۇن كىشى بەس - بەستە مېھىر - مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى...» شىنجاڭ شياڭشېڭ بازىرىنىڭ رىياسەتچىسى مو شىڭۋېي ئىجاد قىلىپ ئورۇنلىغان كۈەيبەن «ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇم جېڭىدە غەلىبە قىلىش» نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى بىلەن، كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە تارقىتىشىغا ئېرىشتى.

شىنجاڭدىكى رەسسام ۋە خەتتاتلار يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قولىدىكى قەلەم ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتقان تېببىي خادىملارنى تەسۋىرلەپ، ماي بوياق رەسىم «ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان قەھرىمانلار»، ھەجۋىي رەسىم «ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلدى.

كەڭ مۇزىكانتلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىجادىيەتكە ئاتلىنىپ، ئارقا - ئارقىدىن «بىر نىيەتتە بولۇش» «قايتماس قەيسەرلىك» قاتارلىق ناخشا - مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلىپ، مۇزىكا ئارقىلىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىچىك تەشۋىقاتچىلىرى:

ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن ۋىرۇسقا «ياق» دېدى

«ساۋاقداشلار، قىشلىق تەتىلدە ئۆيدە نېمە ئىش قىلىۋاتىسىلەر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ۋىرۇسنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەممەيلەن بىرنەچچە خىل ئامال - چارە ئۆگىنىۋالايلى...» ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى ئالتۇن قۇم لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنىڭ «توردا ئالقىشلانغان» تەشۋىقاتچىسى، 15 ياشلىق نائىلە ھەسەنجان ئۆزى تەييارلاپ، ئۆزى ئورۇنلىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات فىلىمى دوۋيىندا ئالقىشقا ئېرىشتى. ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىچىك تەشۋىقاتچىسى سىنغا ئېلىش، رەسىملىك كىتابچىلارنى تەييارلاش قاتارلىقلار ئارقىلىق توردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى.

يېقىندا، قولدا سىزىلغان «بىر نىيەتتە بولۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بىرلىكتە ئۆتۈش» تەپەككۇر يېتەكچىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. رەسىملەردە يۇقۇمدىن ئۆزى مۇداپىئەلىنىش تەكلىپى، ھەمدە يۇرتىغا قايتىش، ئىش ئورنىغا قايتىشتا قانداق قىلىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 22 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى يې يىخەن ئاپىسى فەن لىفاڭنىڭ ياردىمىدە تاماملىغان. فەن لىفاڭ مۇنداق دېدى: «بالام كىچىك بولسىمۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ھەممىمىزنىڭ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەكلىكىنى بىلىدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى