تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىرىنچى سېپىگە قارىتىش قاتارلىق مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي تۈزەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئۈچ جەھەتتىكى 13 تۈرلۈك تۈزەش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى قەيەرگە بارسا، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى شۇ يەرگىچە يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا ئائىت گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىشى، جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. شۇنى كۈچەپ بايقاش كېرەككى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شوئار شەكلىدە، مېخانىك شەكىلدە يەتكۈزۈش، ھەزىم قىلماي، تەھلىل قىلمايلا قارىسىغا قوبۇل قىلىپ يەتكۈزۈش، يۇقىرى تۆۋەنگە تومتاقلا يەتكۈزۈش؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە قۇرۇق شوئار توۋلاپ، قۇرۇق ھەيۋە كۆرسىتىپ، توختىماي پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ دەبدەبىلىك سۆزلەش، ھەرىكىتى ئاز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ناچار بولۇش؛ نوقۇل ھالدا يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە كونكرېت تەدبىر كەمچىل بولۇش؛ تار مەھكىمىچىلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تاللاش خاراكتېرلىك ئىجرا قىلىش، يېرىم - يارتا ئىش قىلىش، ئۆزگەرتىپ قىلىش؛ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى كەمچىل بولۇپ، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى كارغا كەلمەيدىغان، مەشغۇلاتچانلىقى كەمچىل بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر. ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. شۇنى كۈچەپ بايقاش كېرەككى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئاممىنىڭ دەردىگە سەل قاراپ، ئامما ئىنكاس قىلغان دوختۇر ئاز، دورا كەمچىل بولۇش، سۇ توختاپ قېلىش، توك توختاپ قېلىش، كۈندىلىك زۆرۈر تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارغا پەرۋا قىلماي، پاسسىپ تاقابىل تۇرۇپ، ئاممىنىڭ مۇۋاپىق ئارزۇ - تەلەپلىرىگە قارىتا مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىش، ئېتىبارسىز قاراپ، زورمۇزور يولغا قويۇش؛ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتۇپ، ھاكاۋۇرلۇق، بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ، ئادىمىيەت غەمخورلۇقى كەمچىل بولۇش، ئامما ئارىسىدا يامان تەسىر ۋە كۈچلۈك نارازىلىق پەيدا قىلىش؛ داۋالاش مۇلازىمىتى ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتى قاتارلىق خەلققە قولاي مۇلازىمەت كۆزنەك ئورۇنلىرى تاۋارلارنى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، خىزمەت پوزىتسىيەسى ناچار بولۇش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈزەش كېرەك. شۇنى كۈچەپ بايقاش كېرەككى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە، ئەمەلىي ئەھۋالغا قارىماي، ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمەي، بەلگىلەنگەن تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىپ قالايمىقان تەدبىر بەلگىلەش، قالايمىقان ھۆكۈم قىلىش، ھەتتا قاتلاممۇقاتلام بېسىم چۈشۈرۈش؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە خىزمەت تەلەپلىرىگە پاسسىپ تاقابىل تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماي، مەسئۇل بولماي، قىلىدىغاننى قىلماي، خىزمەتنى ئاددىي ھالدا تۆۋەنگە ئىتتىرىپ، مەسئۇلىيەتنى تۆۋەنگە «چۆرۈپ بېرىپ»، ھەتتا يۈزەكى ئىش قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ، ھەرىكىتى ئاستا بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى بىر - بىرىگە ئىتتىرىپ قۇرۇق تالاش - تارتىش قىلىپ، ساختىپەزلىك قىلىپ، جەڭ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇش؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدا دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلە، يېڭى زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلماسلىق، ھەتتا قەستەن ئۆزىنى قاچۇرۇش، قاتلاممۇقاتلام يۇقىرىغا يوللاش؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇھىم ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىپ، چالا مەلۇم قىلىپ، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىپ، خاتا مەلۇم قىلىپ، يالغان مەلۇم قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش؛ ئاساسىي قاتلامدا تەكرار جەدۋەل تولدۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتنى تەكرار مەلۇم قىلىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈكىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىش قاتارلىق مەسىلىلەر.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، پاش قىلىش، مەلۇم قىلىش، مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش داۋامىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى دەل جايىدا قوللىنىپ، بەلگىلىمە بويىچە، ئىنتىزام بويىچە، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ تېز بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى بەلگىلىك دائىرىدە قەرەللىك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىش، جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، فۇنكسىيەلىك تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبەرلەرنىڭ ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇشى، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ زېھنىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قارىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى