تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر ياڭ يىجۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەلق سارىيىدا كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ. چىن مېھىر - مۇھەببەت ئېغىر كۈنلەردە بىلىنىدۇ. بۇ پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا، كامبودژا خەلقى بىز بىلەن بىللە تۇردى. پادىشاھ سىخامونى ۋە ۋالىدىخان مونېلې بىزدىن مەخسۇس ھال سورىدى ۋە قوللىدى، تېخىمۇ مۇھىمى باش ۋەزىر ئەپەندى كۆپ قېتىم جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىدى، بۈگۈن يەنە ئالايىتەن جۇڭگوغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇپ، مۇستەھكەم جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى نامايان قىلدى، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى شەرھلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى چوڭقۇر ئالقىشلايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ئەڭ ئۈزۈل - كېسىل، ئەڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرى قوللاندى. نۆۋەتتىكى ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال نەتىجە - ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. جۇڭخۇا مىللىتى جاپا - مۇشەققەتتە تاۋلىنىپ چىققان، جۇڭگونىڭ بۇ مەيدان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىشتىن ئىبارەت جەڭدە غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچى بار، ئىقتىدارى بار، ئىشەنچىسى بار. بىز داۋاملىق ئاشكارا، ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن كامبودژانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا ئورتاق ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى ۋە رايونلارنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغدايمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك كامبودژانىڭ جۇڭگودىكى پۇقرالىرىغا، جۈملىدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىقىنى كاپالەتلەندۈرىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، جۇڭگو - كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - كامبودژا مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

خۇڭسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مېنىڭ مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا جۇڭگوغا كېلىشنى قارار قىلىشىم كامبودژا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، كامبودژا خەلقى جۇڭگو خەلقى بىلەن قەتئىي بىللە تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىدۇ، بىز ھەقىقىي «جانجىگەر دوست»لار. جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگودىكى كامبودژا پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. يۇقۇمغا قارىتا، بەزى دۆلەتلەر چېكىدىن ئاشقان چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللاندى، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، يۇقۇمدىن تېخىمۇ قورقۇنچلۇقى ۋەھىمىگە چۈشۈش. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو بىلەن داۋاملىق نورمال ھەمكارلىق ۋە ئالاقىنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.