تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ سېنېگال زۇڭتۇڭى سالغا خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى 2 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى سېنېگال زۇڭتۇڭى سالغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن بىللە مۇنبەرنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، مۇنبەر قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، مۇنبەر بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - ئافرىقا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ سالنىڭ جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان پەيتتە خەت ئەۋەتىپ ھال سورىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا تولۇق ئىشەنچى، ئىقتىدارى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سال ئىلگىرى - كېيىن رەئىس شى جىنپىڭغا خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ چاغىنىنى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلىگەنىدى ھەم جۇڭگو تەرەپنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقىغا قارىتا ھال سورايدىغانلىقىنى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.