تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى 3 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك

لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى 3 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىن كۈچەپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچلۈك قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكرى»، «قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»، «قانۇنچىل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسى» ۋە شاڭخەي شەھىرىنىڭ قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، قانۇن بويىچە ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىنتايىن مۇھىم. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانچە كۈچەيدىغان ۋاقىتقا كەلگەنسېرى قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار قانۇن چىقىرىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يانداش تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جازالاش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى ئۈنۈملۈك بولغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا دائىر قانۇن - نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەدبىر بەلگىلەپ، قانۇن بويىچە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا بولغان قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش قانۇنى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى، ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئەسى قانۇنى، تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش نىزامى قاتارلىق قانۇن - نىزاملارنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەم جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئامانلىق باشقۇرۇش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنى زوراۋانلىق بىلەن زەخىملەندۈرىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بۇيۇملىرى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېلىشتەك تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە قارشىلىق كۆرسىتىش، دوختۇرلارنى زوراۋانلىق بىلەن زەخىملەندۈرۈش، ساختا مەھسۇلاتلارنى ياساش - سېتىش، پىتنە - ئىغۋا توقۇش، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىئانە قىلىش، ئىئانە قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، قوبۇل قىلىنغان ئىئانە مال - مۈلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ۋاقتىدا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىش ۋە ئېلان قىلىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەپ، قانۇندا بېكىتىلگەن مەزمۇن، تەرتىپ، شەكىل، ۋاقىت چېكى بويىچە يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا توغرا مەلۇم قىلىش كېرەك. ئالاقىدار دېلولارنى قاراپ چىقىش خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ تالاش - تارتىشنى تۈگىتىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر قانۇنچىللىق تەشۋىقاتى ۋە قانۇن مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بويىچە قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە قانۇن بويىچە مەدەت بېرىش ۋە ماسلىشىش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە دائىر قانۇن مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇم مەزگىلىدىكى زىددىيەت، تالاش - تارتىشلارنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى ئۈنۈملۈك قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەزىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئۇنىۋېرسال يانداش ئىسلاھاتى قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئادىللىقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلۈكى، نوپۇزلۇقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئىسلاھات ۋەزىپىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ياخشى تۇتۇپ، «سوت قىلغۇچى ھۆكۈم قىلىش، ھۆكۈم قىلغۇچى مەسئۇل بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەربىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. قانۇنچىل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئۇللۇق خىزمەت. يېزىلاردىكى كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا تايىنىش، ئىشقا يولۇقسا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا قانۇندىن پايدىلىنىش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىشتە قانۇنغا تايىنىش بويىچە تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، قانۇنچىل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش بايلىقلىرىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنىڭ ئادىللىقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈكلۈكى، خەلققە قولايلىق بولۇش، خەلقنى كۆزلەشتىكى تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە مەمۇرىي تالاش - تارتىشنى تۈگىتىشتىكى ئاساسىي يوللۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزم دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ روشەن ئەۋزەللىكى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتى ئالدىغا بىر قەدەم ئالغا سىلجىتىلسا، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىقىغا پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى نەزەرىيە نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ مۇقىم، ئەڭ ئىشەنچلىك كاپالىتى. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇنچىللىقنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى يېتەكچىلىك قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق قانۇنچىللىق خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن قانۇنچىللىق ئەمەلىيىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنىڭ قانۇنچىللىق كاپالىتى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇنچىللىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن قانۇنغا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇن ئۆگىنىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، قانۇندىن پايدىلىنىپ، تۈزۈم ئىجرا قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. ئومۇمىي خەلق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى سالمىقىنى زورايتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇنچىللىق قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جەمئىيەت ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىغا سىڭدۈرۈپ، تىرىشىپ ياخشى بولغان جەمئىيەت كەيپىياتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلقئارا قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن دائىرىسى سىرتىدا تەتبىقلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خەلقئارا قانۇننى تەتقىق قىلىش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق خىزمەتنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.