تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

قەتئىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جاسارەتلىك جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى مەخسۇس تەتقىق قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

قەتئىي تۈردە تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جاسارەتلىك جەڭ قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 2 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يۇقۇم يۈزبەرگەندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مەخسۇس تەتقىق قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشىمىزنى تۈپ مىزان ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋلاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپى بويىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن جاسارەتلىك جەڭ قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

بىرىنچىدىن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقى، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قەتئىي بويسۇنۇپ، بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، مەسىلە يۆنىلىشى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا كەلگەنلەر ۋە شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكىلىپ يۈرگەنلەرگە قارىتا يۇقۇمنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلار ۋە نۇقتىلىق ئورۇنلارنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، چاغاندىن كېيىن قايتقانلارغا قارىتا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇپ، قالدۇرۇپ كۆزىتىش، ئايرىش قاتارلىق ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا قوللىنىش كېرەك؛ مەھەللە، يېزىلارنى دائىرىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تورىنى زىچ توقۇش كېرەك؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرىنى يۆتكەش - سەپلەش، تەشكىللەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نۇقتىلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى خىزمىتى ۋە سۇ، توك، ماي، تەبىئىي گاز بىلەن نورمال تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ماددىي ئەشيالارنى توشۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ نورمال، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ئىلمىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى يەنىمۇ قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاغرىقلارنى مەركەزلەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىسلەرنى مەركەزلەشتۈرۈش، بايلىقنى مەركەزلەشتۈرۈش، قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى مەركەزلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانا، قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسى، بېكىتىلگەن ئاغرىقلار رايونى، داۋالاش قوشۇنىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋالاش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دىياگنوز قويۇش - داۋالاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاغرىقلارنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇلۇشى، داۋالىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تېببىي خادىملارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، غەمخورلۇق قىلىپ، كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىپ، پىسخىك جەھەتتە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تېببىي خادىملارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئاۋانگارتلىق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارنى جاپا - مۇشەققەتتىن قورقماسلىق، شەخسىيەتسىز تۆھپە قوشۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاۋانگارت، ئۈلگە بولۇشقا تەربىيەلەپ، يېتەكلەپ، پارتىيە بايرىقىنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ھېسسىيات بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىغا زىچ تايىنىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، تەشۋىقات، يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمنى ۋاقتىدا ئاشكارا، ئوچۇق ئېلان قىلىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجە - ئۈنۈمىنى تولۇق خەۋەر قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى تەسىرلىك ئىش ئىزلارنى جانلىق بايان قىلىپ، ئىشەنچنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ئىللىتىش، ئەلنى تېخىمۇ مايىل قىلىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىش كېرەك. پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبىرىي كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يەتتىنچىدىن، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىر قولدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئىسلاھات - تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، بۇ يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.