تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى

چېن چۈەنگو دوكلات قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى   شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 30 - خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزغا كېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

گوۋۇيۈەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى 30 - خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ شۆتاۋ سۆزىدە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن قوللانغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭ بىر تاختا شاھمات، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، قاراڭغۇ رايون قالدۇرماي، ئۆلۈك بۇلۇڭ قالدۇرماي، يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ۋاڭ شۆتاۋ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، شىنجاڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، نەتىجە - ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك. قانۇن بويىچە ئىلمىي، تەرتىپلىك ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش، كېڭىيىش خەۋپ - خەتىرىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ھەقىقىي تۈردە بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، «تۆتنى مەركەزلەشتۈرۈش» پىرىنسىپى بويىچە، تارقاقلاشتۇرۇپ كېسەل كۆرۈش، مەركەزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلىپ داۋالاش ئىقتىدارىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، داۋالاش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دورا ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىقلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش - داۋالاش كېرەك. تەشۋىق - تەربىيە يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمنى ۋاقتىدا توغرا، ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇش كېرەك؛ ساغلاملىق ئىدىيەسى ۋە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مەدەنىيلىك ساپاسى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، «سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە كېڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» تەدبىرى بويىچە پەرقنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، پۇختا مۇداپىئە سېپىنى قۇرۇش كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىش، ھازىرقى ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلىشىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، چوڭ ۋەزىيەت ئېڭى ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قەتئىي، كۈچلۈك، قىلچە بوشاڭلىق قىلماي ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قەتئىي ياخشى قوغدايدۇ.

ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، مەڭلىك سىيىت، ليۇ جيەنشىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، گوۋۇيۈەن 30 - خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، ئەزالىرى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.

شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، خىزمەت يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.