تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە ياراتتى

ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مالىيە كاپالىتى سالمىقىنى زورايتىش؛ مۇلازىمەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قىزىپ قالغان ئاغرىقلار كېسەل كۆرسىتىش يېشىل يولى ئېچىش؛ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، پىدائىيلار ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىش... يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەدبىرلەرنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كۆپچىلىك بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى بەرپا قىلدى.

ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى:

1 مىليارد 122 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئىشلەتتى

2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىدىن جەمئىي 1 مىليارد 122 مىليون يۈەن ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك مەبلىغى بولۇپ جەمئىي 374 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر مالىيەسىدىن 748 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىلىپ، داۋالاش - قۇتقۇزۇش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە لازىملىق ئۈسكۈنىلەر ۋە ماددىي ئەشيا قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشقا مەخسۇس ئىشلىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلەغ كاپالىتى جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش دەسلەپكى لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ، مەبلەغ غەملەش سالمىقىنى زورايتتى. جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىنىڭ ۋاقتىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ نازارەت يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىر خىزمەت كۈنىدە «ھۆججەت تەييارلاپ تەستىقلاشقا يوللاش، كۆرسەتكۈچ چۈشۈرۈش، مەبلەغ ئاجرىتىش، ھۆججەت چۈشۈرۈش، ناھىيە، شەھەرلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىش» قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋە باشقا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا پائال ماسلىشىپ، ئالاھىدە مەزگىلدە مەبلەغنىڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ھەرقايسى جايلارغا ئاجرىتىپ بېرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ نازارەت قىلىش، تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە، بەلگىلىمە بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغنىڭ يۇقۇم بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە ئىشلىتىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئۈرۈمچى:

قىزىپ قالغان ئاغرىقلارغا كېسەل كۆرسىتىش يېشىل يولى ئېچىپ بەردى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى سائەت 21دىن 20 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى) چۇڭشەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىڭگاڭ مۇشۇ تەۋەلىك رايوندىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەخسۇس ئاپتوموبىلى شوپۇرى كەن لېنى تەيشەن كوچىسى مەھەللىسىگە بېرىپ قىزىش سەۋەبلىك ئايرىۋېتىلگەن ئاھالىلەرنى ئاپىرىش - ئەكېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى. بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، كەسپىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەنگەن كەن لې دەرھال دېزىنفېكسىيەلەنگەن يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش مەخسۇس ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، قىزىش سەۋەبلىك ئايرىۋېتىلگەن ئاھالىلەرنى بېكىتىلگەن قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كېسەل كۆرسىتىشكە ئېلىپ باردى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى ليۇ ۋېنشېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 120 جىددىي قۇتقۇزۇش، مەھەللە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش، ھۆكۈمەت كېسەل كۆرسىتىشكە ئاپىرىش − نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى قىزىپ قالغان ئاغرىقلارغا كېسەل كۆرسىتىش مەخسۇس يېشىل يولى ئېچىپ بەردى. ئەگەر ئاھالىلەردە ئۆيدە قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.3 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولسا، ھۆددە كادىرى ياكى مەھەللىگە ھەر ۋاقىت تېلېفون قىلسا بولىدۇ، مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئاپتوموبىل ئىشىك ئالدىغا بېرىپ يېقىن ئەتراپتىكى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىگە كېسەل كۆرسىتىشكە ئاپىرىدۇ.

ئاپتونوم رايون ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسىگە قارىتا تاسادىپىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش 1 - دەرىجىلىك لايىھەنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەككىز رايون (ناھىيە) قىزىپ قالغان ئاغرىقلارنى يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش مەخسۇس ئاپتوموبىلىدىن جەمئىي 127نى ئاجراتتى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەھەللە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇش ئاپتوموبىلىدىن 74ى مەھەللە ئاھالىلىرى ئارىسىدا قىزىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە يۆتكەپ دىياگنوز قويۇلىدىغانلارنى ئاپىرىش - ئەكېلىشكە مەخسۇس ئىشلىتىلدى؛ مەخسۇس جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلىدىن 53ى ئاساسلىقى گۇمانىي كېسەللىك مىسالى، مەركەزلىك تېببىي تەلەپ بويىچە كۆزىتىلىدىغان ھەم ئۆيدە تېببىي تەلەپ بويىچە كۆزىتىلىدىغان قىزىپ قالغان ئاغرىقلارنى ئاپىرىش - ئەكېلىشكە ئىشلىتىلدى. يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلگەن بارلىق ئاپتوموبىللارنى بىردەك ھەر ئاپتوموبىل قېتىم دېزىنفېكسىيەلەش قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، خىزمەتچى خادىملارمۇ كەسپىي مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلىنىش ئارقىلىق، قىزىپ قالغان ئاغرىقلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا بىخەتەر يۆتكەپ دىياگنوز قويۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

ليۇ ۋېنشىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەھەللە ئاھالىلىرى ئۆيىدە بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچىگەندە 37.3 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەن ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى چىققان بولسا، قىزىش ئالامىتى دەپ قارىلىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ جىددىيلىشىشى، ئەندىشە قىلىشى، تەشۋىشلىنىشى ھاجەتسىز، ماسكىنى ئوبدان تاقاپ، بىرىنچى ۋاقىتتا قاراشلىق مەھەللە بىلەن ئالاقىلىشىپ، قىزىش تەپسىلىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرسە ھەم تەپسىلىي ئۆي ئادرېسى، ئىسىم - فامىلىسى، ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، 24 سائەت نۆۋەتچىلىكتە تۇرۇۋاتقان مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى مەخسۇس ئاپىرىپ ئەكېلىدىغان ئاپتوموبىلنى تېز سۈرئەتتە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، يولدا گىرەلەشمە يۇقۇملىنىش كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قىزىپ قالغان ئاغرىق پەقەت ئۆيىدە ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك، ئۆز ئالدىغا ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا، تاكسىغا ياكى خۇسۇسىي ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇپ كېسەل كۆرسىتىشكە بارسا بولمايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى:

پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 20 مىڭغا يېقىن پىدائىي قوبۇل قىلدى

«بىزنىڭ شوئارىمىز پىدائىيلار بىر نىيەتتە بولۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرايلى! غەيرەت قىلايلى!» يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايون (يېڭىشەھەر رايون)لۇق ئىتتىپاق كومىتېتى جەمئىيەتتىكى كەڭ ياشلارنى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا چاقىردى، 450 نەچچە پىدائىي ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن كەسپىي جەھەتتە تەربىيەلەنگەندىن كېيىن، تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئۇلانباي تەكشۈرۈش نۇقتىسى، سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى، 120 جىددىي قۇتقۇزۇش، يۆتكەپ توشۇش ئاپتوموبىل ئەترىتى قاتارلىق جايلاردا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، ساغلاملىقنى تاللاپ تەكشۈرۈش، تەرتىپ ساقلاش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى «پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا تەشەببۇسنامە»نى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ ياشلارغا يۈزلىنىپ كەسپىي داۋالاش، پەرۋىش قىلىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، تەرتىپ ساقلاش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتى زاپاس قوشۇنىنى قوبۇل قىلىپ، تەشكىللەپ قۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىگە پائال ئاتلىنىشقا يېتەكلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلاشقان.

ھازىرغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 20 مىڭغا يېقىن پىدائىي قوبۇل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى، قەشقەر ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە 12 مىڭدىن كۆپرەك پىدائىي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە مۇلازىمەت قىلماقتا.

«كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پارتىيەنىڭ ياردەمچىسى ۋە زاپاس قوشۇنى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىش پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى.» ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاۋ چۇەن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ئۆزى ياخشى مۇداپىئەلىنىش بىلەن بىللە، پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشماقتا.

(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى مېھرىگۈل ناسىر، يۈ شى، فۇ شياڭلۇڭ يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • سۈرەتتىكى شىنجاڭ | چاقىلىقتىكى توغراقلار تىك قەد كۆتۈرۈپ، قۇم-بورانغا تاقابىل تۇرماقتا
  • شىنجاڭ خوتەن شۆيۈەنى يەنە 16 تولۇق كۇرس كەسپىنى ئىلتىماس قىلدى
  • شىنجاڭدىن ئىككى كىشى 2023 «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى يىللىق نامزاتى»لىقىغا كۆرسىتىلدى